تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خېجىڭ ناھىيەسىدىن تۆت كىشى تۇنجى تۈركۈمدىكى «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ باھالاندى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي يۈەن ): «مەن تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى زاكازلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، <قۇۋۋەت نان>لىرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ نېنىنى تېتىتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن! » دېدى.

7-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قانات يايدۇرغان «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى «بۇلۇت تېرمىنالى»دا تەقدىرلەش پائالىيىتىدە، خېجىڭ بازىرى كېزە كەنتىدىكى توقاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ما چېڭلىن قاتتىق ھاياجانلاندى.

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «شىنجاڭ نان ئۇستىسى»نى باھالاش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش يىغىنى ئېچىپ، 200 نەپەر «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى ۋە 70 «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» تەربىيەلەش ئاپپاراتى، 50 ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ئاپپاراتىنى باھالاپ بېكىتتى. شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى تۆت كىشى تۇنجى تۈركۈمدىكى «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ باھالاندى، ما چېڭلىن بۇ تۆت كىشىنىڭ بىرى ئىدى.

ما چېڭلىننىڭ جۇڭگوچە پېچىنە پىشۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 17 يىل بولدى، ئۇ يەتتە - سەككىز خىل ئوخشىمىغان تۈردىكى نانلارنى پىشۇرۇشنى بىلىدۇ. 2018- يىلى، ما چېڭلىن تۆت دوستى بىلەن بىللە، كەنتتە نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «نان خوجايىنى» بولدى، ھەم دېھقانلارنى يىغىپ بىرلىكتە ئىشلىدى. ما چېڭلىننىڭ ياققان نانلىرىنىڭ تەمى ياخشى، سېتىلىشى ياخشى، ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا، كۈنىگە 1000دىن ئارتۇق نان سېتىپ، تۇنجى يىلىلا 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇ يەنە بۇ پۇللارغا تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، كاۋاپدان، قاقلاپ پىشۇرۇش تەخسىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار پىشۇرغان ناننىڭ ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە خېلى داڭقى چىقتى ھەمدە كۆپلىگەن يېمەكلىك دۇكانلىرى بىلەن زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ما چېڭلىن يەنە كەنتتىكى توققۇز كەنت ئاھالىسىنى ئۆزىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە قىلدى. ما چېڭلىن مۇنداق دېدى: «ھازىر سىياسەت بارغانسېرى ياخشىلاندى، نان يېقىش مەن ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى كەسپىمىزگە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ماڭا شان - شەرەپ كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى.

«مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، ھەر ئايدا 2000 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلالايمەن، ئۈنۈمى ياخشى بولغاندا، قولۇمغا تېخىمۇ كۆپ تېگىدۇ» دېدى ئائىلە ئايالىدىن ئىشچىغا ئايلانغان نامرات ئاھالە رازىيە مەمەت خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى