تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى: باشلامچى كارخانىلار كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى: (مۇخبىرلار پەن يىڭ، جاڭ جۇڭكەي): شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قاراقاش ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى ئاكتىپ كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. نۆۋەتتە بار بولغان 20 نەچچە كارخانا، 300 نەچچە نامراتلارنى يۆلەش سېخى تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

  بۇخەلچەم مەتقۇربان سايباغ يېزىسى كامپا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، 2020-يىلى ئۇنىڭ بىر يېڭى تىجارىتى كۆپىيىپ، ھەر كۈنى شياڭگۇ يىغىپ شياڭگۇ ساتقان.

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە تېخى نامراتلىق قالپىقى تاشلىۋېتىلمىگەن 10 نامرات ناھىيەنىڭ بىرى، تەبىئىي شارائىتى ناچار، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامرات نوپۇس نىسبەتەن كۆپ.

  2019-يىلى 6-ئايدا، قاراقاش ناھىيەسى شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغ كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا شياڭگۇ بازىسى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى چاتاپ تاشلىۋېتىلگەن ياڭاق ياغىچى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شياڭگۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغ كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن جىنياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاراقاش ناھىيەسى ئۆستۈرگەن ياڭاقلىق كۆلىمى 400 نەچچە مىڭ موغا يېتىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى چاتاپ تاشلىۋېتىلگەن ياڭاق شاخلىرى 80-70 توننىغا يېتىدىكەن، كارخانا شۇ جايدىكى ياڭاق ياغىچى بايلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، شياڭگۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان. نۆۋەتتە، شىركەت شۇ جايدىكى 515 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 265 كىشى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە. كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىغان شياڭگۇسى 3000 كىچىك لاپاسقا يەتكەن.

  مۇخبىر يېقىندا سايباغ يېزىسى كامپا كەنتىگە زىيارەتكە بېرىپ، ياڭاقلىقتىكى بوش يەرگە كىچىك لاپاسلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئىچىدىكىنىڭ ھەممىسىنىڭ شياڭگۇ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىكەنلىكىنى، بۇخەلچەم ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىراش شياڭگۇ ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  «مەن ئىككى چوڭ لاپاسقا شياڭگۇ تېرىغان، بۇ ئۈچىنچى قېتىم ھوسۇل يىغىشىم، بىر توننىدىن ئارتۇق سېتىپ بولدۇم، يەنە ئىككى قېتىم ئۈزگىلى بولىدۇ، يەنە بىر توننىدىن ئارتۇق ساتالايمەن.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، شياڭگۇ تېرىش دېھقانچىلىققا دەخلى يەتكۈزمەيلا قالماستىن، ھەر يىلى يەنە كىرىمنى 10-20 مىڭ يۈەنگىچە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  شۇ جاينىڭ كەسىپ پىلانى بويىچە، قاراقاش ناھىيەسى 2020-يىلى شياڭگۇ كەسپىدە «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، زەمبۇرۇغ تاياقچىسى بىلەن تەمىنلەش ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكىلىق يېتەكلەشكە كارخانا مەسئۇل بولغان، كۈندىلىك پەرۋىشكە كەنت ئاھالىلىرى مەسئۇل بولغان، يىغىۋېلىنغان شياڭگۇلارنى كارخانا مەسئۇل بولۇپ سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ شياڭگۇ تېرىش كۆلىمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان.

  شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرغ كەسپى چەكلىك شىركىتىگە ئوخشىمايدىغان شىنجاڭ خوتەن بالىم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جايدا يېتىشىپ چىققان توقۇمىچىلىك كەسىپىدىكى بىر باشلامچى كارخانا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى پەقەت 20 نەچچە كىشىلىك كىيىم-كېچەك پىششىقلايدىغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىدى. 33 ياشلىق پاتىمە جۈمە 10 يىل ئىلگىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تىككۈچى بولغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە تېخنىك بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 4500 يۈەنگە يەتتى.

  خوتەن بالىم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىمنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ياردىمى ئاستىدا، نۆۋەتتە شىركەتنىڭ نامىدا بىر باش ئىشتاب، سەككىز نامراتلارنى يۆلەش سېخى بار بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 80 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن، خادىملار قوشۇنىمۇ ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، شۇ جايدىكى جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 500دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاراقاش ناھىيەسى رايون ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە دېھقانچىلىق قىلىش، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، سودا قىلىشقا ماس كەلسە، سودا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولغان، 2020-يىلىدىن بۇيان، 36 مىڭ 700دىن ئارتۇق كىشى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى