تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىستىل بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىستىل بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. سۈرەتتە: ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) لەنتىڭ مەھەللىسى لۇجىن ئولتۇراق رايونىدا، چېن چۈەنگو مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلاردىن سەمىمىي ھال سورىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىستىل بىلەن تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا كۆكتات، مېۋە - چېۋە، كالا - قوي گۆشى قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى تولۇق ئىدى. چېن چۈەنگو بازار مەسئۇللىرى ۋە تىجارەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، تاۋار زاپىسى، ئەشيا ئوبوروتى - توشۇش، سېتىش باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈرلۈك تاۋارلارنى تەشكىللەش، يۆتكەپ توشۇش ۋە زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، توشۇش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازار تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە تاۋار تۈرىنىڭ مول، باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ ۋاقتىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى لەنتىڭ مەھەللىسى لۇجىن ئولتۇراق رايونىدا، چېن چۈەنگو مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارغا شەخسىي بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كەڭ ئاھالىلەرگە سەمىمىي ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەھەللە مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەھەللىدىن ئىبارەت بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي چىڭ ساقلىشى، ياخشى ساقلىشى كېرەك. مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنى مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماسكا، مۇداپىئەلىنىش كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو تىيانشان رايونىدىكى بىر مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىغا كېلىپ، كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەنبەدىن تىزگىنلەش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تاشقى جەھەتتە سىرتقا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ 7 - نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ پەنگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى كۈچەيتىپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، كۈچنى ئىلمىي تەڭشەپ تەقسىملەپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. مەھەللە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەھەللىلەرگە چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. چىن قەلب بىلەن مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ قىيىنچىلىق، تەلەپلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك؛ ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك؛ «ئاشلىق» «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ جىددىي ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى جەزمەن پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىستىلىنى تاۋلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.