تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ

19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى بۇ يىل 10 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدۇ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىللىق يىراق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر تەتقىق قىلىنىدۇ. يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، تەتقىق قىلىندى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان 1 - بەش يىل. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ باش تېمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، تەرەققىيات كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىپ، زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت ئېچىش، ياخشى قەدەم ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جەزمەن باشتىن - ئاخىر تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەزمەن ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. جەزمەن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ كۆلىمى، سۈرئىتى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، ئۈنۈمى، بىخەتەرلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، بىز خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىقتىساد پۇختا قەدەم بىلەن ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئايمۇئاي ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، 2 - پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۆزلىمىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئاقىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىي كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق بىر قەدەر چوڭ، بىز دۇچ كەلگەن ناھايىتى نۇرغۇن مەسىلە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك، جەزمەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش نۇقتىسىدىن يەنىمۇ تونۇپ، دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىش، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى دەۋرىيلىك ھالقىپ لايىھەلەش ۋە تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق مەزگىل تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە قوزغىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مالىيە سىياسىتىدە تېخىمۇ ئاكتىپ نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۇل سىياسىتى تېخىمۇ جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشى، يۆنىلىشى دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. پۇلنىڭ تەمىنات مىقدارى ۋە جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيگەن يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ياسىمىچىلىق، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل سىياسىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپ، رايون قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن توپلانما ئۈنۈم ئېففىكتى شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش - سەھىيە ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئاخىرقى ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، ئاھالىلەر ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك. كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تۈرلىرىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق سېلىنما ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەرلەر توپى، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاكسىيەگە دائىر قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بولغان تەسىرىنى پەسەيتىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغدايدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا ئون يىل بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى كۈچلۈك تەشكىللەپ، جەنۇب بىلەن شىمالدىكى دەريا - ئېقىنلارنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.