تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ «قاراۋۇل»لۇق ئىقتىدارى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىنورمال ئەھۋال بايقالغان ھامان دوكلات قىلىش، يۆتكەپ توشۇش؛ ئۇچۇر راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى بىرىنچى ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇپ، بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا تېببىي كۆزىتىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىش؛ مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، مەھەللە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر دەنيۈن، ھەربىر ئاھالىگىچە تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرغان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى ئۆيىدە خاتىرجەم تۇرۇش، ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى ۋە قانۇن مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ 7 - نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ پەنگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك داۋالىنىشقا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ دوختۇر - سېسترالارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، دوختۇر - سېسترالارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىپ، دوختۇر - سېسترالارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

بەشىنچىدىن، تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دورا، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سايمانلىرى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەڭشەپ توشۇش، زاپاس ساقلاش، تەمىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، تەشكىللەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەمىنلەشنىڭ تولۇق بولۇشىغا، سۈپەت كاپالىتىگە، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئۆزى ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، چوڭ جەڭ داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قايتا - قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشلۇق قالدۇرماسلىقى، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقى كېرەك. خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىستىلى تۇراقسىز، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك قىلغان، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىققا تارتىپ، پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك تەدبىر، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.