تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىس ۋە غايەت زور بېسىمنى پەسەيتىپ - تۈگىتىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسنى يېڭىش ئۈچۈن كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك. بىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك ئىرادىمىز، قەتئىي غەيرىتىمىز، مۇستەھكەم دۆلەت كۈچىمىز بار، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، سىناقلارنى يېڭىشتە يېتەرلىك ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىز بار، ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق كىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخ قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى ۋېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى قۇۋۋەتلىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەم دۆلەت ئىچى - خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە سىياسەت زاپىسىنى ياخشى قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىدا پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى ئېچىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش، كارخانىلارنىڭ يېڭى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سېلىنمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پۇختا قەدەمدە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بايا، كۆپچىلىك سۆزىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل باشلىنىشى بىلەنلا، بىز تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن بىر مەيدان كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدۇق. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زەربە ئېلىپ كەلدى. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئەزالارنى داۋالاش ياردىمى بېرىش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پۇل - ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش»، «ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش» قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، جايلارغا ھاۋالە قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا چىقارغان «كۆپەيتىلگەن سىناق سوئالى»غا قارىتا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كۆپ خىل شەكىل ۋە يول ئارقىلىق بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، بىرىنچى سەپنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەكشى، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى، 3 -، 4 - پەسىلدە پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى زىياننى تىرىشىپ تولۇقلاش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە قوزغىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا قارىتا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىك، تەرەققىيات نەزەرى بىلەن قاراپ، كەڭ ئەزالارنى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، دىققەتنى نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەر، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار بايلىقى ۋە كەسپىي ئاقىللار ئامبىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، ئاساسى بار، قىممىتى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئەزالارنى ئىسلاھات - تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى توغرا تونۇش، توغرا مۇئامىلە قىلىش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى توغرا تونۇش، توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇش، زىددىيەتنى پەسەيتىش - تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى جيەنفېڭ، خۇاڭ رۇڭ، ۋاڭ مېيشياڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.