تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىرىشىپ زور تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىگە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى

تىرىشىپ زور تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى زور تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق، دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمەتچىلىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جيا ديەنزېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋر ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، يېڭى دەۋر ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. مەكتىپىمىز مەملىكەت بويىچە 5 - نۆۋەتلىك پەنلەرنى باھالاشتىن پايدىلىنىپ، پەن كەسىپلىرىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، «سانائەت پەنلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، تەبىئىي پەنلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تەڭشەش»نى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەكتەپ پەنلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرىدۇ. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى ۋە كەسپىي يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاسپىرانتلار مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتى، بولۇپمۇ كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە ئاسپىرانت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئېھتىياجغا يۈزلىنىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر يۇقىرى قاتلاملىق بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بۇ مەكتەپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش ئورنى قۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادشۇناسلىق 1 - دەرىجىلىك پەنلەر دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش 1 - دەرىجىلىك پەنلەر ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى ۋە تۆت ماگىستىرلىق كەسپى ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى. «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئاسپىرانتلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ ۋېنسۈي مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ قانۇنىيىتىنى يەنىمۇ توغرا ئىگىلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «كىرىش ئېغىزى ئۆتكىلى» «چىقىش ئېغىزى ئۆتكىلى»نى چىڭ ئىگىلەپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سۈپەت كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

ئىلى سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چەي لىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مەكتىپىمىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەت ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش» ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاسپىرانتلار مائارىپى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، مەكتىپىمىز ئاسپىرانتلار ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى يەنىمۇ پۇختا ئىشلەپ، ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ھالقىلىرىنى ئىنچىكە ئىشلەپ، تەتقىقات ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى ئاسپىرانتلارنىڭ ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە بولغان تەلىپىنى يەنىمۇ قاندۇرىدۇ.

قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن ۋېيگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتىپىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي تىپلىق، قوللىنىشچان پەن كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى