تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى بايراملىق «ئاشلىق» «كۆك - تاق»قا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

7- ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىجارەتچى ئابدۇراخمان ئابلىكىم (سولدا) قوي گۆشىنى پارچىلىماقتا. ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، قوي - كالا گۆشلىرىنى پائال تەڭشەپ توشۇپ، بايراملىق بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قۇربان ھېيت. 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى سۇڭ ياجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بايرام مەزگىلىدىكى ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

سۇڭ ياجۈن مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ سويۇلۇش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، ھەر كۈنى 1700(تۇياق)دىن ئارتۇق كالا - قوي سويۇلۇپ، كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارى ئىلگىرىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئۆي قۇشلىرىنىڭ سويۇلۇش مىقدارى 33 مىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىلگىرىكىدىن %30 ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىش خىزمىتىنى باشلاپ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە، ئۇدا 15 كۈن يېڭى كالا - قوي گۆشىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى، تەخمىنەن 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشى بازارغا سېلىنىدۇ.

بايراملىق «ئاشلىق» «كۆك - تاق»قا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتتى، كۈنىگە بازارغا سېلىنىدىغان يېڭى كۆكتات تۈرىنىڭ 40 خىلدىن ئېشىشى، 1000 توننا ئەتراپىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ھەرقايسى چوڭ بازارلاردا ئاشلىق، ياغ، سۈت، تۇخۇم قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر تەمىناتى تولۇق بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە كۈنىگە 260 توننا سۈت، 120 توننا ئەتراپىدا تۇخۇم بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى كۆكتات، گۆش تۈرلىرىنىڭ يېتەكچى باھاسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى 491 مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا سېتىش باھاسىغا چەك قويۇشنى ئىجرا قىلىپ، مالىيەدىن 10 مىليون يۈەن ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى ئاجراتتى. تۈرلۈك كۆكتات تىجارەت دۇكانلىرى بىردەك (جەمئىيەتتىكى كۆكتات دۇكانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسىنى ئىجرا قىلدى، باھا پەرقى قىسمىغا ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەر بويىچە تۈرلۈك توپ سېتىش بازارلىرىدا كۆكتات مىقدارى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولماقتا. 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ، گۆشنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىدا 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىندى، مالىيەدىن گۆش، كۆكتاتنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئاجرىتىلغان ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى 20 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بايراملىق ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى توشۇش ھالقىلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارچە سېتىش ھالقىلىرىدىكى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ، مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنى تەمىنلەش سۇبيېكتى قىلىپ، كىچىك دۇكان، كىچىك كۆكتات دۇكىنى، قولايلىق دۇكانلارنى تىرەك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتىدە ئېھتىياجغا قاراپ زاكاز بويىچە تەمىنلەپ، ئاھالىلەر زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىش، سودىگەرلەر تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ئۇچراشماي بۆلۈپ يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنى گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات قاتارلىق بايراملىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

سۇڭ ياجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەمىنلەش نۇقتىسى قاتارلىق سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەشنىڭ تولۇق بولۇشىغا ماسلاشتۇرۇپ كاپالەتلىك قىلىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش جەريانىدىكى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، بايراملىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىگە بايرام مەزگىلىدە، ئولتۇراق رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، توردا سىنلىق كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئۆزئارا ئەھۋال سوراپ ۋە بەخت تىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى