تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ سانائەت ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرى بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ چيەنشى): 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ) تەۋەلىكىدىكى شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ نەچچە 10 كىۋادرات كىلومېتىرلىق كان رايونىدا، 400دىن ئارتۇق قاچىلاش ماشىنىسى، كۈرەكلىك ماشىنا، كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىلى قاتناپ، ئالدىراش مەنزىرە پەيدا بولدى.

  «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسىدا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن، كۆمۈر كان ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇپ، ئىككىلىسىدە خاتالىق سادىر قىلماي، مەھسۇلات مىقدارىنى 16 مىليون توننىدىن ئاشۇردى» دېدى شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پىڭلياڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 53 مىليون 850 مىڭ توننىغا يېتىپ، %16.8 ئاشقان؛ توك تارقىتىش مىقدارى 43 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، %47 ئاشقان. ئاپتونوم رايون تاپشۇرغان شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان «ئىككى چوڭ» مۇھىم خىزمەت نىشانى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى %36.4 ئېشىپ، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى يارىتىپلا قالماي، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك توققۇز ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى