تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەخسلەرنىڭ بېكىتىلگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى توردا تەكشۈرۈشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ساغلاملىق، داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ئارقىلىق، شەھەر دەرىجىلىك 13، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 12 بېكىتىلگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزئارا بەھرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى سۇپىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى «智慧健康乌鲁木齐» ئاممىۋى نومۇرىغا ئەگىشىپ، توردىن تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى «ئاقىل، ساغلام ئۈرۈمچى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرى»نى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ساغلاملىق، داۋالاش سانلىق مەلۇماتلىرىنى قەدەممۇقەدەم ئۈرۈمچى داۋالاش، ساغلاملىق چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە توپلاپ، داۋالاش، سەھىيەدىن ئىبارەت ھەرقايسى سۇپىلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن تەڭ بەھرلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن، بۇ قۇرۇلۇش 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەرەققىياتنى پىلانلاش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن ليەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، داۋالىنىش ئېھتىياجى بولغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى قولايلاشتۇرغان بولۇپ، «智慧健康乌鲁木齐» ئاممىۋى نومۇرىدا دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىشكە، يەنە توردا ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىشقا، ھەق تۆلەشكە، تەكشۈرتۈشكە بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە، شەھەر دەرىجىلىك 13 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملانغان، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 12 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (تەكشۈرۈش) ئىقتىدارى پەقەت ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ سۈرۈشتۈرۈش پىروگراممىسى ئېچىلىپ تورغا چىقىرىلغان. پەقەت شەخسلەرنىڭ بېكىتىلگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرتكەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىلا بېكىتىلگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسىپ تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر دىرېكتورى شيې چېڭگونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېكىتىلگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش سىستېمىسى نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساغلاملىق، داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا پۈتۈنلەي ئۇلىنىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى زىيارەت قىلىش ۋە كۆرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىرى «智慧健康乌鲁木齐» ئاممىۋى نومۇرىغا ئەگىشىپ، شەخسلەر مەركىزى تىزىملىكىگە كىرىپ، ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كارتىسى دېگەن كۆزنەكنى چېكىپ، ھەقىقىي ئىسىم دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈپ، راۋان يۈرۈش كودى تىزىملىكىگە كىرىپ، «定点核酸结果查询»نى چېكىپ تەكشۈرسە بولىدىكەن. ئەمما نۆۋەتتە تەكشۈرۈش مىقدارى ناھايىتى زور بولغاچقا، ئۇچۇلارنى كىرگۈزۈش بەلگىلىك كېچىكىپ كېتىشى مۇمكىن. شەھەر ئاھالىلىرى يەنە «疫情»، «医院预约» دېگەندەك ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى قايتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ھەرۋاقىت ئىگىلىسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى