ياز كۈنلىرى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى باغچىسىدا، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدا، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى، بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەل-دەرەخلەر، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، كۆۋرۈك، شىپاڭلاردىن گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولدى.
ماناس ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ماكانى، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى بۇ ناھىيەنىڭ ئەۋزەل تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى، ئۈزۈم ھارىقى باغچىسىمۇ ماناس ناھىيەسىدىكى ئامما يازدا ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.
كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، دەرەخ شاخلىرى مەيىن شامالدا يېنىك يەلپۈنۈپ، كۆل سۈيى دولقۇن ئۇرۇپ تۇراتتى.
كۆل بويىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چىغىرتماقگۈل.
كۆلنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان جيۇكۇڭ يۈدەي كۆۋرۈكى.
ساڭگىلاپ تۇرغان سۆگەت تاللىرى.
ئىككى ساياھەتچى شىپاڭدا سالقىندىماقتا.
پورەكلەپ ئېچىلغان يۈچەنخۇا گۈللىرى.
كەچتە قۇياش پاتقاندا، مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
(ماناس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن لى مىڭ، ليەن بىڭ، لى يۈمېي خەۋىرى)