شىنجاڭ گېزىتى(ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ شۇاڭ، ما گۈييىن): «يەر ھۆددە بېرىش ھەققى تارقىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش توخۇ كاتىكى سېلىپ بېرىش، يەنە يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ بېرىش...» دۆلەت باش باج ئىدارىسى جېمىنەي ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ شالشىقاي يېزىسى ئاقمىرزا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تىلغا ئېلىنسا، كەنت ئاھالىلىرى باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ماختىشىدۇ.
2017-يىلى، بۇ خىزمەت ئەترىتى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ يېشىل ئورگانىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ناھىيەدىكى ئالتاي يىكاڭ ئورگانىك ئۇن چەكلىك شىركىتى بىلەن بەش يىللىق ئوبوروت توختامى ئىمزالىدى، 3630 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، ھەريىلى كەنت ئاھالىلىرىگە 1 مىليون 10 مىڭ يۈەن يەر ھۆددە بېرىش ھەققى تارقىتىپ بەردى ھەمدە كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، چېگرا قوغدىغۇچىسى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 156 ئائىلىدىكى 226 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، گۆشى سۈپىتى ياخشى، تاۋار سۈت يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان شىمىنتار كالىسىنى كىرگۈزدى.
«يەر ئوبوروتى + ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش»، «سىرتنىڭ كالىسى + يەرلىك ئوت-چۆپ»، «ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى + ئېكولوگىيەلىك توخۇ»، بۇ جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ماڭغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولى، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېشىل تەرەققىيات يولىدۇر.