مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالاپ،
ئۈچ ئورۇن، بەش شەخسكە تۆھپە يازدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئۈچ ئورۇن، بەش شەخسكە تۆھپە يازدى.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى چوڭ ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسى «خېپىڭ فاڭجوۋ» ناملىق دوختۇرخانا پاراخوت، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەلۇم تەتقىقات ئورنىغا 1 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرونېۋىك قىسىم شۆيۈەنى مەلۇم ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ پىروفېسسورى شەن دۇڭشېڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچى قىسىم - ھاۋا مۇداپىئە قىسىم شۆيۈەنى مەلۇم ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ پىروفېسسورى ۋەن مىڭجيې، دېڭىز ئارمىيە چۆكمە پاراخوت شۆيۈەنى مەلۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور دا لياڭلۇڭغا 2 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى؛ 96911 - قىسىم مەلۇم تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنژېنېرى تەن كېكې، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى مەلۇم شۆيۈەنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى خۇ شياۋفېڭغا 3 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.