تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ ئەمەلىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ لېي، ۋاڭ زىمىڭ، ۋېن شىن

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش:

ھەرقانداق بىر ئاغرىقتىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىك

«ئەينى چاغدا مېنى قۇتقۇزغان دوختۇرنى كۆرۈپ باققۇم بار!» 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 95 ياشلىق بوۋاي شۈ مىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى خەنياڭ شۆبە دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ - داۋالىغان بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جۈن قاتارلىقلارغا رەھمەت ئېيتتى.

شۈ مىڭ بوۋاي دوختۇرخانىغا يېڭى كىرگەندە، كېسەللىك ئەھۋالى بىر مەھەل ناھايىتى ئېغىرلاپ كەتكەنىدى. «بىز ھەرقانداق بىر ئاغرىقتىن ۋاز كەچمەيمىز!» دېدى جاڭ جۈن.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ قاراپ، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق قىممەت ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

ھاياتلىق نامى بىلەن، «توققۇز ئۆلكىگە تۇتىشىدىغان يول» قەتئىيلىك بىلەن «ۋاقىتلىق تاقالدى» −

ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ۋۇخەندىن ئىبارەت 10 مىليون نوپۇسى بار، ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن بۇ شەھەر «ۋاقىتلىق توختاش كۇنۇپكىسى»نى باستى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررىس مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى «نورمال تۇرمۇشىنى قۇربان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشتى».

ھاياتلىق نامى بىلەن، داۋالاش بايلىقىنى مەركەزلىك توپلاش −

ۋۇخەندە «شەھەر قامال قىلىنغان»دىن كېيىن، ۋۇخەن تيەنخې ئايرودۇرۇمى ئەڭ ئالدىراش جاي بولۇپ قالدى. ھەربىي ئايروپىلانلار، يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى، يۈك ئايروپىلانلىرى جىددىي قونۇپ، دورا، تېببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ماسكا، پەلەي قاتارلىق جىددىي، كەمچىل ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋە ئارمىيەدىكى 346 داۋالاش ئەترىتى، 42 مىڭ 600 تېببىي خادىم خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە كەلدى، جۇڭگودىكى ئەڭ ئىلغار ئون ئاكادېمىك كوللېكتىپى بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوندىن بىر قىسىمغا يېقىن ئېغىر كېسەللىك مېدىتسىناسى تايانچلىرى كۈچ ئۇلاپ جەڭ قىلدى...

ھاياتلىق نامى بىلەن، تەننەرخنى ھېسابلاشماسلىق، ھەرقانچە بەدەل تۆلەشتىن يانماسلىق −

6 - ئايدا، تۇيۇقسىز تارقالغان بېيجىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىكى يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم پايتەختنىڭ يۇقۇم ئاگاھ سىگنالىنى تۇيۇقسىز ياڭراتتى... 7 - ئاينىڭ بېشىغىچە، بېيجىڭدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىنغان ۋە تەكشۈرۈلگەن ئادەم سانى بىردەك 11 مىليوندىن ئاشتى؛ 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى 2 - دەرىجىدىن 3 - دەرىجىگە تەڭشەلدى.

خەلقنىڭ ھاياتى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك! جۇڭگو شۇنداق دېدى، ھەم شۇنداق قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىقتىسادى غايەت زور زىيانغا بەرداشلىق بەردى: 2 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، مالىيە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.4، %26.1، %15، %10 تۆۋەنلىدى.

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان ئاغرىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە داۋالىنىش خىراجىتى 21 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن، ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە داۋالىنىش خىراجىتى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، بۇ خىراجەتلەرنىڭ بىر قىسمى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنغاندىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە دۆلەت مالىيەسىدىن ياردەم پۇلى بېرىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ئەندىشىسى تۈپتىن ھەل قىلىنغان.

تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش:

باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش

يۇقۇمنىڭ پەيلى يامان بولدى، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق ھوقۇقىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇش، تەرەققىيات ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاشلا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

«مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى ساقلاش! بۇ، مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرگە بېرىلگەن كاپالەت −

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەركەز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، «ھەقىقىي ئالتۇن - كۈمۈش» چىقىرىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى.

2 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى جەمئىي 340 مىليارد 270 مىليون يۈەن كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى؛ 3 مىليون 450 مىڭ كارخانا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا قايتۇرۇلغان 46 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن بەھرىمەن بولدى، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن كارخانىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 9 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى؛ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ 35 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىغانلىقى، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە 2 مىليون ئادەم كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭ «نامراتلىق»قا قارشى جەڭگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ! بۇ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ جاۋابى −

«2020 - يىلىغا بارغاندا، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، جەزمەن قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ھېچقانداق چېكىنىش يولى ۋە ئېلاستىكلىق يوق.» 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە بايرىقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدۇردى.

دەرس توختىسىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ! بۇ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن ۋەدە −

مائارىپ مىنىستىرلىقى «دەرس توختىسىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بوشلۇق دەرسخانىسى»نى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يوللاشنى تېز تاماملاپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنى، بولۇپمۇ چەت - ياقا رايونلارنى قاپلىدى؛ نۇرغۇن جايلار دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئۆگىنىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى بىرمۇبىر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، «بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى، ھەم خەلققە يېقىندىن تايىنىش، ھەم تەرەققىياتنى كۆزلەپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك» دېدى «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى قانۇن مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جياخۇا.

خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈش:

تۈرلۈك ھوقۇقلارنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولغان - بولمىغانلىقى ھەم بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان ئاساسلىق كۆزنەك، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قۇتقۇزۇش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى تارقىتىش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش... بىر قاتار تەدبىرلەر چىقىرىلىپ، ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ «ئىممۇنىتېت كۈچى» ئاشۇرۇلۇپ، ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«قۇياش نۇرى» ئەڭ ياخشى «دېزىنفېكسىيە دورىسى».

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىش، قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دائىر يىپ ئۇچلىرىنى توپلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى دائىملاشتۇرۇش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، مەزمۇنى ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ماددىي ئەشيالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش - سەپلەش، قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېببىي بىلىملەرنى ئىلمىي ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى.

جۇڭگو «ساغلاملىق كودى» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئىجادىي قوللاندى، ئۇ يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىش، قولايلىق قاتناش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى. «ساغلاملىق كودى» يەنە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، چەت ئەلدە تورغا چىققان تۇنجى كۈنىلا نەچچە ئونمىڭ ئابۇنىچىغا ئېرىشتى.

«يۇقۇم مەزگىلىدە توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرلارغا قارىتا چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى تەسىس قىلىش» «توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش باسقۇچىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى، پۇقرالارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداش تەدبىرلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

تەقدىرداش بولۇش:

خەلقئارا ھەمكارلىشىپ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنى تەڭ قىلىش

يۇقۇم ئالدىدا، پۈتۈن يەر شارىدىكى نۇرغۇن دۆلەت قاراڭغۇلۇققا پېتىپ قالغاندا، جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى بارغانسېرى كۆپ دۆلەتكە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

بۇ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى سىنايدىغان سىناق −

بىرىنچى ۋاقىتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يۇقۇمنى دوكلات قىلىش، بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش... جۇڭگو دۇنيا ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلماقتا.

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچ، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالى. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم سىن يىغىنى شەكلىدە بىر مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئاچتى.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەرشارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش» «خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش» «خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاش» «خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش». پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ سىنىقى ئالدىدا، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك تەشەببۇس تېخىمۇ كەڭ ئېتىراپ قىلىش ۋە ئورتاق ساداغا ئېرىشتى.

بۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ دەلىللىنىشى −

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئەڭ مۈشكۈل پەيتتە، 170 نەچچە دۆلەت، 40 نەچچە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى ھال سورىدى ۋە قوللىدى؛ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە مەدەت بەردى... بۇ ھەقىقىي دوستلۇقنى جۇڭگو خەلقى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

«ماڭا مۇتاۋ بەرسەڭ، ياخشىلىقىڭغا قاشتېشى بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن.» يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا يامرىشىغا ئەگىشىپ، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو پۈتۈن يەر شارىدىكى 180 دۆلەت، ئون نەچچە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىدىن تەڭ بەھرىلەندۈردى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، جىددىي ئېھتىياجى بار دۆلەتلەرگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، 150كە يېقىن دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتقا جىددىي ياردەم بەردى ھەم بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىن جىددىي، قىس بولۇۋاتقان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى...

جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت، ئىلگىرىكىدەكلا خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى