تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈچ خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى

جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈچ خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كورلا نەشپۈتى، تۇرپان قۇرۇق ئۈزۈمى، جىڭ ئالقىتى تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ 100 جۇغراپىيەلىك بەلگىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمىگە ئاساسەن، بۇ مەھسۇلاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قوغدىلىدىكەن.

جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كورلا نەشپۈتى، تۇرپان قۇرۇق ئۈزۈمى، جىڭ ئالقىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ گۇۋاھلىق بەلگىسىنى ئىشلىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن، خەلقئارادىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ئىمزالىغان ئەھمىيىتى مۇھىم، زور تۇنجى ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمى بولۇپ، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگونىڭ ھەر قايسىسىنىڭ 100 جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتىنىڭ قارشى تەرەپ بازىرىدا قوغدىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئېسىل يېزا ئىگىلىك ئەنئەنىسىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، خاسلىققا ئىگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى، كېلىش مەنبەسىنى بىلدۈرىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمىدە جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش قائىدىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، ساختا جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ، ئىككىلا تەرەپ ئىستېمالچىلىرى سۈپىتى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تاۋارلارنى ئىستېمال قىلىش، ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى