تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قولۇم - قوشنىلار مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللەپ، يۇغۇرۇلۇش كۈيىنى ئورتاق ياڭراتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر دىنارە تۇرغۇن

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، لەرزان نەي ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ، ئېرخۇ، دۇتار، دومبىرا قاتارلىق ھەر خىل سازلار رىتىمغا ئەگىشىپ تەڭكەش قىلىندى، «داۋانچىڭ قىزى»نىڭ تەسىرلىك مېلودىيەسى كۆكتە پەرۋاز قىلدى.

قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) جىنلۇڭ بازىرى كوچىسى ۋەنشياڭ مەھەللىسىدىكى «ۋەنشياڭ گېڭشىن» مۇزىكا ئەترىتى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقانىدى.

گۈزەل مېلودىيە نۇرغۇنلىغان جۈپ - جۈپ كۆزنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ «سازەندە»لەرنىڭ كارامىتىنى كۆرگۈسى بار ئىدى. مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇختەر مەمەت دېرىزە سىرتىدىكىلەرنىڭ زوقلىنىش نەزەرىنى كۆرۈپ، چەكسىز ئىپتىخارلاندى.

مۇختەر ۋەنشياڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى، مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ھېكايىسى 2018 - يىلى 3 - ئايدا باشلانغان. ئۇ چاغدا، مۇختەر ئەمدىلا مەكتەپتىن مەھەللىگە يۆتكىلىپ خىزمەتكە چۈشكەنىدى، ئۇ 20 نەچچە يىل مۇزىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، دەسلەپتە مەھەللە خىزمىتىگە ئانچە كۆنەلمىگەنىدى.

بىر قېتىم ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، مۇختەر تەۋەلىكىدىكى ئاھالە دۇڭ شۇلىڭنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە ئېرخۇ بارلىقىنى كۆردى، مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇ دۇڭ شۇلىڭ ئەر - خوتۇن بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى: «راۋابتا ئورۇنلانغان مۇزىكا قىزغىن، جۇشقۇن بولىدۇ، دۇتارنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، لەرزان، مەن دۇتارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن».

«ئېرخۇ غېجەكنىڭ بىر تۈرى. ئېرخۇنىڭ دەستىسى ياغاچتىن ياسىلىدۇ، بېشىغا بوغما يىلاننىڭ تېرىسى ياكى يىلان تېرىسى تارتىلىدۇ، ئاستى - ئۈستى ئىككى تارىلىق بولىدۇ، شۇڭا ئېرخۇ دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ ئاۋازى يۇمشاق ھەم مۇڭلۇق، ئەگەر سىز دۇتارنى ياخشى كۆرسىڭىز ئېرخۇنىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىسىز.» دۇڭ شۇلىڭمۇ مۇختەر بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتى.

ناھايىتى تېزلا، ئۇلار دۇتار بىلەن ئېرخۇنى تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا باشلىدى، ئۇلار ئىككى خىل سازنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئۇچقۇندىن ھاياجانلاندى.

مەھەللە پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە، مۇختەر يەنە قاپاق نەي ھەۋەسكارى ۋاڭ رۇڭفۇ يالغۇز ئورۇنلىغان «ئايدىڭدىكى قويۇق يوپۇرماقلىق بامبۇك»قا چوڭقۇر مەپتۇن بولدى، «بۇ سازنىڭ ئاۋازى ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن، ۋاڭ ئۇستام بۇنى يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ چالغۇسى، ئاۋاز تۈسى ئۆزگىچە، پەرق ئېتىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، يەنە ئۆگەنمەك ناھايىتى ئاسان دېدى.» مۇختەر مۇنداق دېدى: شۇنىڭدىن كېيىن، بىرنەچچە خىل سازنىڭ ھەۋەسكارلىرى مۇزىكا سەۋەبىدىن رىشتە باغلاپ، دائىم بىرلىكتە «ساز چېلىش ماھارىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق».

ئۇزاق ئۆتمەي، ۋەنشياڭ مەھەللىسىدە خور ئۆمىكى قۇرۇلدى، مۇختەر خور ئۆمىكىدە ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ چالدى، دۇڭ شۇلىڭ ئەر - خوتۇن ئېرخۇ چالدى، ۋاڭ رۇڭفۇ قاپاق نەي چالدى، ئەڭ دەسلەپكى مۇزىكا ئەترىتى مۇشۇنداق قىلىپ قۇرۇلدى.

«لېكىن مۇزىكا ئەترىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاران مۇشۇ بىر نەچچە خىللا ساز بولسا كۇپايە قىلمىغۇدەك.» مۇختەر مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن مەن تەشەببۇسكار ھالدا ئاھالىلەرنىڭ مۇزىكا ئاساسى ۋە قىزىقىشىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلىدىم، ناھايىتى تېزلا، دۇتار چالالايدىغان ئادىلجان، دومبىرا چالالايدىغان ئۈندىسبېك، ئاككوردىيون چالالايدىغان ما جىپىڭلارنىڭ ھەممىسى مۇزىكا ئەترىتىگە قوشۇلدى.

مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، مەھەللىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جىمىنمۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ھۈنىرى − نەي چېلىش ماھارىتىنى كۆرسەتتى ھەم «ۋەنشياڭ مەھەللىسىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش» دېگەن سۆزگە قاپىيەداش قىلىپ مۇزىكا ئەترىتىگە «ۋەنشياڭ گېڭشىن» دەپ ئىسىم قويدى.

بۇ يىل، تېخىمۇ كۆپ يېڭى قان قوشۇلۇپ، مۇزىكا ئەترىتىدە ئاساسلىق ناخشىچى ۋە گىتارچى بار بولدى، ئادەم سانى كۆپىيىپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىگە يەتتى، سازلارنىڭ تۈرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

ھازىر مۇزىكا ئەترىتى رەسمىي تۈردە جانلاندى، مۇختەرنىڭ ھەر كۈندىكى ئىش تەرتىپى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. «مەن مەھەللە خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مۇزىكا ئەترىتىنى باشلاپ رېپېتىتسىيە قىلىمەن، مەھەللە مەكتىپىدە ئۆگىنىش قىلىمەن. ھەپتە ئاخىرىدا مەن يەنە مۇزىكا ئەترىتىنى باشلاپ مەھەللىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، خور ئەترىتىگە تەڭكەش قىلىمەن.» مۇختەر پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ خور ئۆمىكىمىز يەنە جەرەنبۇلاق رايونى، قاراماي شەھىرى بويىچە نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

يېقىندا، ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن پاكلىق توغرىسىدىكى بىر ناخشا بىلەن، مۇزىكا ئەترىتى شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دوۋيىن سۇپىسى «كەنتتە تۇرۇۋاتقان مەن ۋە سىز»گە چىقتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

«نۆۋەتتە، بىز پىششىق ئورۇنلىيالايدىغان نومۇرلاردىن يەنە دۇتار بىلەن يالغۇز ئورۇنلانغان مۇزىكا <ۋەتەننىڭ باھارى>، چەت ئەل ناخشىسى <كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا يامغۇر ياغمايدۇ> قاتارلىقلار بار، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە 24 مەيدان ئويۇن قويۇپ بەردۇق.» مۇختەر مۇنداق دېدى: «رېپېتىتسىيە گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بىز جاپا ئىچىدىن خۇشاللىق تاپىمىز، كۆپچىلىك بىر - بىرىمىزگە ئىلھام بېرىپ، ناھايىتى ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، مۇزىكا ئەترىتىمىز يەنە ھەۋەسكارلارنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز زورىيىدۇ، بىزمۇ يېڭى ئورۇنلاش يۆنىلىشى ۋە مۇزىكىلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، بۇ مۇزىكا ئەترىتىمىزنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى ماسلىشىشى ئارقىسىدا، تېخىمۇ كۆپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيلىرىنى ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى