يېقىنقى ئىككى يىلدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى ئارال شەھىرى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا شەھەر، تۇەن-بازارلارنىڭ يېشىللىقىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچە بولغانلىقىنى، مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللەشكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، باشقا يەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارمۇ بۇ شەھەر تەرىپىدىن جەلپ قىلىندى.
1-شى ئارال شەھىرىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسى 25 مىڭ 400 مو بولۇپ، ھازىر 12 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىندى؛ 168 مىڭ 300 مو سۈنئىي ئېكولوگىيە ئورمىنىنى ئۆزگەرتىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 1-شى ئارال شەھىرى دىققەتنى «يېشىللىقنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆكەرتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئارال شەھىرى، تۈەن-چاڭ، ليەندۈيلەرگىچە ئۇزارتىلدى، ئۆيدىن چىقسىلا يېشىللىقنى كۆرگىلى، قەدەمنى يۆتكىسىلا مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
كەلگۈسىدە، 1-شى ئارال شەھىرى كۆكەرتىش بوشلۇقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، سۈپەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېشىل شى شەھىرى، ئېكولوگىيەلىك شى شەھىرى، گۈزەل شى شەھىرى قۇرۇپ چىقىدۇ.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى