تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«تاش كەنتى»نىڭ ئۆزگىرىش خاتىرىسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار دۇڭ ياچيەن، ما رۈي خەۋىرى): ياز كۈنلىرى پىژغىرىم ئىسسىقتا، «تاش كەنتى»دە سوغۇق شامال چىقىپ تۇراتتى. بىر ئىستاكان ئىسسىق ئەتكەن چاينى ئېلىپ يول بويىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈش، ئوت-چۆپنىڭ خۇش ھىدى بىلەن تولغان ھاۋادىن نەپەس ئېلىش... بۇ كىشىگە ئازادە، بەختلىك قىلىدىغان بىر جاي.

تاغلار قوينىدىكى «تاش كەنتى».

«تاش كەنتى»نىڭ ئەسلىي ئىسمى تاستى كەنتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ «تاش كەنتى» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب دەل كەنت بىلەن تاشنىڭ ئايرىلماس مۇناسىۋىتى بارلىقىدا. ھازىرقى كەنتنىڭ گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى بولغىنى بىلەن، ئىلگىرى بۇ يەر قالايمىقان تاشلار بىلەن تولغان بىر يەر ئىدى، كەنتتىكى ياشانغانلار: «ئىلگىرى كەنتىمىزدە نامراتلىقىدىن پەقەت تاشلا بار ئىدى» دېيىشەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، «تاش كەنتى» پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يايلاق تاش شەھىرى ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، خاس پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «تاش كەنتى» بىردىنلا ساياھەت كەنتىگە ئايلاندى، تاش يەنىلا بار، لېكىن كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئايلاندى.

يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك جايلاشقان پۇقراۋى قونالغۇلار.

يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، قاتار-قاتار سېلىنغان ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇلار تولىمۇ رەتلىك ئىدى. كەنت ئاھالىسى پېڭ جىنتاۋنىڭ ھويلىسىدا شېغىل يېيىتىلغان چىغىر يول بار ئىدى، يول يۈزىگە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك تاشتا «تاش كەنتى» دېگەن خەت يېزىلغانىدى، ھويلىدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، كۆكتاتلىقتىكى خاڭگا، شوخلا، بەسەينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. پېڭ جىنتاۋنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا ئۈچ ياتاق، بىر ئاشخانا، بىر تازىلىق ئۆيى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئون نەچچە ئادەم قونالايدۇ.

2019-يىلى 5-ئايدا، 50 ياشلىق پېڭ جىنتاۋ پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتىنى باشلىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ راھەت ئولتۇرۇش، تېخىمۇ راھەت غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈستىدە ئويلاندى، قانداق قىلغاندا «تاش كەنتى»نىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ... سودا بارغانسېرى ياخشىلاندى، پېڭ جىنتاۋ پۇقراۋى قونالغۇنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى، بەش ئېغىز ئۆينى قوشۇپ سېلىپ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى كۈتتى.

پېڭ جىنتاۋنىڭ ھويلىسىدىكى كۆكتاتلىق.

نۆۋەتتە، «تاش كەنتى»دە 18 پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇپ بولدى، يەنە 40 پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلماقتا، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن كەنتنىڭ كۈندىلىك كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ 400-300 ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشكەن تەرەققىيات ئۈچۈن، كەنتتە «تاش كەنتى مەدەنىيەت-ساياھەت چەكلىك شىركىتى» قۇرۇلۇپ، پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى، يېمەك-ئىچمەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كەنت ئاھالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

ئىلگىرىكى قالايمىقان تاشلار «مەدەنىيەت تەشۋىقات تېشى»غا ئايلاندى.

«تاش كەنتى»نىڭ 1- شۇجىسى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: «بىز ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇرسەت بىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيدىن چىقمايلا تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان -چارۋىچىلارنى ئولتۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان قىلىمىز».

كەنت ئاھالىسى ئادالبېك قۇناپىيە كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۆيىدىكى قوي-كالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋەتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىلگىرىكىگە يەتمەيتتى. بىر مەزگىل داۋالاش ئارقىلىق، ئادالبېكنىڭ كۆزى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، كەنتتىكى قاتار-قاتار پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ سېلىنىشى، ھەربىر ئائىلىنىڭ بېيىشىنى كۆرۈپ، ئادالبېك قايتىدىن روھلىنىپ، بىر قازاق ئۆرپ-ئادەت پۇقراۋى قونالغۇسى ئاچتى.

ئادالبېكنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قازاق كەشتىچىلىكى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئادالبېكنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىغا كىرگىنىمىزدە، تامدا، كاڭدا ھەممىلا يەردە قازاقلارنىڭ قولدا ئىشلەنگەن كىگىز ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، مېھمانخانىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە بوغۇرساق، سېرىق ماي، پىشلاق قاتارلىق قازاقلارنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرى تىزىلغانىدى. ھازىر ئۇ «ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ تىجارەت قىلىپ، كەنتتىن چىقماي تۇرۇپ پۇل تېپىپ» تۇرمۇشىنى گۈلدەك ئۆتكۈزمەكتە. ئادالبېك مۇنداق دېدى: «مەن قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ھۆكۈمەت ماڭا نۇرغۇن ياردەم بەردى، ئەمدى مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، پۇقراۋى قونالغۇغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلىنىمەن».

شەكلى موگۇغا ئوخشايدىغان «دومىۋۇ» ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇسى.

بۇ يىل«تاش كەنتى» ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئۆستۈردى، ئادەتتىكى پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشىدىن باشقا، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە تايىنىپ شەكلى موگۇغا ئوخشايدىغان 18 ئېغىز «دومىۋۇ» خاس پۇقراۋى قونالغۇسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى. توست يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز <تاش كەنتى>دە ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى