تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

پىچان ناھىيەسى ھۆل ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلىگە كىردى

     تىيانشان تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ ئاخىرى، پىچان ناھىيەسى ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، دانە-دانە ئۈزۈملەر ئۈزۈم باراڭلىرىغا لىق تولدى، ھەممىلا يەردە ئۈزۈم ئۈزۈش، ئۈزۈم سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  شەنشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن ھۆل ئۈزۈم سودىگىرى خەن شياۋ، مۇددەتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن پىچان ناھىيەسىدىن 100 توننا ھۆل ئۈزۈم زاكاز قىلغانىدى، ھازىر ئۇنىڭ ھۆل ئۈزۈم سېتىۋېلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

  خەن شياۋ مۇنداق دېدى: «مەن 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا كەلگەن، بىز بۇ يەردە ھۆكۈمەت بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدۇق، بۇ يىل پىچان ناھىيەسىدىكى ئۈزۈملەرنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بايقىدىم، مەن ئۈزۈملەرنى ئاساسلىقى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىغا سېتىپ چىقىرىمەن، ئۈزۈم خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، مەن بۇ يەردىن 100 توننا ئۈزۈم سېتىۋالماقچى.»

  تۇيۇق يېزىسى ياڭخى شا كەنتىدىكى دېھقان ئانارگۈلنىڭ ئۈچ مو يەردە ئۈزۈمى بار، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئاساسلىقى ئۈزۈم تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، بۇلتۇر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۆيىدىكى ئۈچ مو يەردىكى ئۈزۈم بارىڭىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ئۆزگەرتىلگەن ئۈزۈم بارىڭى ئېگىز ھەم ھاۋا ئۆتۈشچانلىقى ياخشى بولغاچقا ئۈزۈشكە قولايلىق يارىتىلىپلا قالماي، يەنە ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇ يىل ئۇلارنىڭ ئۈزۈمى بالدۇر پىشىپلا قالماي، مېۋىسىمۇ چوڭ بولدى.

  دېھقانلار ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئالدى، كەنت كادىرلىرىمۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولدى. يېقىندىن بۇيان، تۇرپان شەھەرلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى ياڭخى شا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئانارگۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈزۈم ئۈزۈش، ئۈزۈم سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كەنت كادىرلىرى سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئۈزۈمزارلىققا كىرىپ، ئۈزۈملەرنى تاللاپ ئۈزدى، پىشقان ئۈزۈملەرنى توشۇدى، كادىرلارنىڭ كىيىمى تەردە ھۆل بولۇپ كەتتى، ئانارگۈلنىڭ قەلبىمۇ ئىللىقلىققا تولدى.

  ئانارگۈل مۇنداق دېدى: «ھۆل ئۈزۈم سېتىۋاتقىلى بەش كۈن بولدى، 380 نەچچە يەشىك سېتىپ بولدۇق، بۇلتۇر ئۈزۈم بارىڭىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇق، بۇ يىل ئۈزۈملەرمۇ بالدۇرمۇ پىشتى، ئۈزۈملەرنىڭ دانىسىمۇ چوڭ، ياخشى باھادا سېتىلغاچقا بىز بەكلا خۇش بولدۇق.»

  تۇرپان شەھەرلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى ياڭخى شا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى خې جيەنبىن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلمۇ ئۈزۈمدىن ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتى، كەنت كومىتېتىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ھۆل ئۈزۈمدىن 1800 توننىدىن ئارتۇق سېتىلدى.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، تۇيۇق يېزىسىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 37 مىڭ مو بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 8622 توننا ھۆل ئۈزۈم سېتىلغان.

  (ماقالىنى پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئابلەت تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى