تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن ناھىيەسى: «ئالتۇن رەڭلىك كاۋا» بېيىش «گۆھىرى»گە ئايلاندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يەن ۋېنخۇا، ۋاڭ سۇيەن): ھازىر، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ئۇلانئۇس بازىرى ۋاڭجيالياڭ كەنتىدىكى «ئالتۇن رەڭلىك كاۋا»نىڭ پىشىش مەزگىلى بولۇپ، ھەربىر «ئالتۇن رەڭلىك كاۋا» قۇياش نۇرىدا ئالتۇندەك جۇلالىنىپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى.

    بۇ يىل، ۋاڭجيالياڭ كەنتىدىكى 20 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان 400 مو يەرگە «ئالتۇن رەڭلىك كاۋا» تېرىدى، يەر مۇنبەت، سۇ مەنبەسى مول، تۇپراقنىڭ سېلىن ئېلېمېنتى مول بولغاچقا، تېرىلغان كاۋىلارنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى بولدى، شۇڭا بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن زاكازلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

   يېقىندا كاۋىلار پىشىپ، ئەتراپتىكى تۇەن-چاڭلار، ناھىيە، شەھەرلەردىكى سودىگەرلەرنىڭ تالىشىپ سېتىۋالدى. دېھقانلار ئېتىز بېشىدا سودىگەرلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا كاۋا قاچىلىدى، سودىگەرلەر دېھقانلار بىلەن باھا تالىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا، كاۋىنى ئاپتوموبىلغا باستى.

   «ھازىر <ئالتۇن رەڭلىك كاۋا>نىڭ ئەڭ تەملىك مەزگىلى، بىز سېتىشتىن غەم قىلمايمىز. ھەر مو يەردىن ئىككى توننا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ باھاسى بىر يۈەن، ھەركۈنى قاچىلاپ بولۇپلا ھېسابات قىلىمىز، ۋېيشىنغا ھەركۈنى پۇل كىرىپ تۇرسا، ئادەمنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى بولىدىكەن» دېدى دېھقان ۋېن كېيىڭ.

    7-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى ساۋەن ناھىيەلىك تارماق بانكىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ كاۋىلارنى يىغىپ، سودىگەرلەرنىڭ ئاپتوموبىلغا بېسىشىپ بەردى.

   «بىز دېھقانلارنىڭ ئۈزۈشى، ئاپتوموبىلغا بېسىشى، سېتىشىغا، بازارنىڭ ياخشى مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى باھادا سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چېن جۈندۇڭ.

    ئىگىلىنىشىچە، «ئالتۇن رەڭلىك كاۋا»ىدىن 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ھوسۇل ئېلىنىپ بولىدىكەن، بۇنىڭدىن ھەربىر دېھقان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى