تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چاقىلىق ناھىيەسى: پەن-تېخنىكا چىلانچىلىق كەسپىنى قوغدىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يۆ): ھازىر، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 233 مىڭ 800 مو چىلان مېۋىلەشكە باشلىدى، ئۆسۈش ئەھۋالىمۇ ياخشى بولدى.

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى غول ئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پولات ئىسمائىلنىڭ چىلانلىقىدا، دانە-دانە چىلانلار شاخلارغا لىق تولغانىدى. «بۇ يىل چىلاننىڭ مېۋە تۇتۇشى بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولدى. ھازىر غەيرىتىم ئاشتى، چىلانلىقنى ياخشى باشقۇرۇپ، كۈزدە چوقۇم ياخشى ھوسۇل ئالالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن» دېدى پولات خۇشال ھالدا.

  بۇ بىر قانچە كۈندە، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئېتىزلارغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە دېھقانلارغا يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى سۈپەت ئەلا، ماركا كۈچلۈك بولۇشنى چىلانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھالقا قىلىپ تۇتۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىر ۋە ئىلمىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، چىلانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ناھىيە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ(جەنۇبىي شىنجاڭ) چىلان( قۇرۇق مېۋە) پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى يىغىش-تارقىتىش مەركىزىنى بەرپا قىلدى. چىلانچىلىق كەسپىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، بۇ ناھىيەدىكى چىلانچى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى