تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىسسىق يادرو يىغىلىش تەجرىبە رېئاكتورى پىلانىدىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنىڭ قۇراشتۇرۇشنى باشلاش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى خەلقئارا ئىسسىق يادرو يىغىلىش تەجرىبە رېئاكتورى (ITER) پىلانىدىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنىڭ قۇراشتۇرۇشنى باشلاش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بۇ تەشكىلاتنىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىلىم - پەننىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا ئىسسىق يادرو يىغىلىش تەجرىبە رېئاكتورى پىلانىغا ئىنسانلارنىڭ يادرو يىغىلىش ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىشتەك گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەن، پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ۋەدىسىدە چىڭ تۇردى، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرى باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقئارادىكى كەسىپداشلار بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى پائال ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش ئىلىم - پەننىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىزدىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يولى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، پۈتۈن يەر شارى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئىنسانلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن پەن تەتقىقات ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ مۇھىم، زور ئاچقۇچلۇق پەن ۋە تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يەرشارىۋى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

خەلقئارا ئىسسىق يادرو يىغىلىش تەجرىبە رېئاكتورى پىلانى بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر خەلقئارا زور ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشى، دۆلىتىمىز 2006 - يىلى بۇ پىلانغا رەسمىي ئىمزا قويۇپ قاتناشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.