تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلدى، تەھلىل قىلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقالدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىشى تېز، كېسەل پەيدا قىلىشى يوشۇرۇن بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ جىددىي خىزمەت قىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش سالمىقىنى زورايتىپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە قايتا قاراپ چىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە سۈپەتنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېگى - تەكتى ئېنىق، سانى توغرا، ئەھۋالى ئېنىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەھەللىلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، تەييارلىق كۆرۈپ قويۇپ پايدىلىنىلمىسىمۇ مەيلىكى، پايدىلىنىدىغاندا تەييارلىق بولمىسا بولمايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتىن كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، قوماندانلىق ئىشتابى تۈزۈلمە مېخانىزمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قوش غەلىبە قىلىشنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، لى يىفېي، ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى