تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوتلاق يېشىللاشتى چارۋىچىلىق كۈچەيدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبولات ماناربېك

لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى ئاياغ سوغاققۇم كەنتىگە جايلاشقان خوتەن لۈسې جيايۈەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى باقمىچىلىق بازىسىدا، خىزمەتچىلەر گۆش كالىسىغا يەم - خەشەك سېلىپ بەرمەكتە (6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تارتىلغان).

(مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

«بۇ بىر جۈپ نەسىللىك قوينى مەن ئالاي!» 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى ۋەنفېڭ چارۋىچىلىقىنىڭ كۆپ تۆللۈك گۆش قويىنى كۆپەيتىش بازىسىدا، ئاقساراي يېزىسى كىتىكلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىمەمەت ئىدرىس نەسىللىك قوينى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ سودىنى «تارتىۋېلىشى»دىن ئەنسىرەپ، بازىدىكى باقمىچىلارغا دەرھال خاتىرىلەپ قويۇشنى ئېيتتى.

روزىمەمەت تاللىغان كۆپ تۆللۈك گۆش قويى كۆپ تۆللەيدۇ، گۆشىنىڭ سۈپىتى ياخشى، پايدىسى يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، نەسىلنى ئەلالاشتۇرغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز سۈپىتى ئېشىپ دەرىجىسى ئۆستى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، تۈرى، كارخانا، سۈپەتلىك ماركا قاتارلىق جەھەتلەردە مىقدار ئېشىپلا قالماي، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى كۆپەيتىش، بېقىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ سۈپەتنىڭ ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئوتلاقنىڭ بەرداشلىق بېرىش بېسىمىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەش تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش

يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن چارۋىچى قامچىنى تاشلاپ، سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلماستىن بەلكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئوت - چۆپ تېرىپ، ماللىرىنى قوتاندا باقىدىغان بولدى، چارۋىچىلىق يىرىك باقمىچىلىقتىن تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا ماڭدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچەيدى.

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى ئويباغ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋاڭ يۇڭجۈن چارۋا مال دوختۇرىنى باشلاپ، كالا باقىدىغان ئائىلىلەرگە تېخنىكا يەتكۈزدى، مۇلازىمەت يەتكۈزدى. كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن نىياز مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ باقمىچىلىق سىياسىتى ياخشى، بىز نەسىلنى ياخشىلاش، ئىنچىكە باقمىچىلىق قاتارلىق زامانىۋى كالا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدۇق، تۇرمۇشىمىزمۇ <قالتىس> بولۇپ كەتتى.» توقسۇ ناھىيەسى «كالىنى كۆپەيتىش قۇرۇلۇشى»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، تېخنىكا كېڭەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقى زورايتىلغاچقا، پۈتۈن ناھىيە بويىچە كالىنىڭ قوتان قالدۇق سانى 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 30 مىڭدىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرى 150 مىڭغا كۆپىيىدۇ.

«بىز قاراقاش ناھىيەسىدە شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرگەن كۆپ تۆللۈك گۆش قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتى يەرلىك قوينىڭكىدىن بىر - ئىككى ھەسسە يۇقىرى، يەككە ئېغىرلىقى ئون كىلوگىرامدىن يۇقىرى. ئۈنۈمى، پايدىسى يۇقىرى بولغاچقا، دېھقانلار ئېتىراپ قىلدى، بىز دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى 200 مىڭ تۇياققا كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى شىنجاڭ ۋەنفېڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جيې خۇەنجۇڭ.

بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ قوتان قالدۇق سانى، قوتاندىن چىقىرىش سانى يەنىلا ئاشتى، قۇش گۆشى مەھسۇلات مىقدارى بىرقەدەر تېز ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتان قالدۇق سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9، قوتاندىن چىقىرىش سانى %4.6 ئاشتى؛ گۆش مەھسۇلات مىقدارى 771 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئاشتى.

كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش زەنجىرنى ئۇزارتىش

چارۋىچىلىق كەسپى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ نەتىجىسى شۇكى، چارۋىلار ئازايدى، ئوتلاق يېشىللاشتى، ساياھەتچىلىك گۈللەندى، كەسىپلەر كۈچەيدى، چارۋىچىلار بېيىدى.

مۇخبىرلارنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىلى ئوبلاستى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىپ، «چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كۆپەيتىش، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بورداش»نى تۇتقا قىلىپ، «كىچىك چارۋىنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇرۇش» مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا چارۋا بېقىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى سىجىل ياخشىلىغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ گۆش مەھسۇلات مىقدارى، سۈت مەھسۇلات مىقدارى، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىردەك ئاشقان.

«ھازىر، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىلىرى ئىلگىرىكىدىن كۆپ، بېقىلىۋاتقان چارۋىلارمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپ، ئەمما ئوتلاقلار يەنىلا ياپيېشىل، كالا ۋە سۈتنىڭ باھاسىدىنمۇ مەن ناھايىتى رازى» دېدى غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى ئوتتۇرا پەنجىم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاتىكەم ئابدۇرېھىم. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئىنەك ئەمدىلا موزايلىغانىدا، بەزىلەر 10 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالماقچى بولدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەر ئايدا سۈت سېتىپلا كىرىمىنى 3000 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرالايدۇ.

يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چىقىرىپ، كەسىپ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، چارۋىچىلىقنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شىنجاڭ كۇنلۇن لۈيۈەن باقمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خوتەن ۋىلايىتىدىكى توشقان باقمىچىلىق تۈرىدە، بۇ يىل 11 باقمىچىلىق بازىسىدا يىللىق قەپەستىن چىقىرىلىدىغان توشقاننى 19 مىليونغا يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ۋە توڭلىتىلغان توشقان گۆشى، توشقان تېرىسى ئويۇنچۇقى، بىيولوگىيەلىك دورا ياساش، توشقان مايىقى ئورگانىك ئوغۇتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، توشقان باقمىچىلىقى تۈرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا - كەنتلەردە ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەنپەئەتنى چېتىش كىرىم ئاشۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش

چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كارخانىلار بىلەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى چېتىش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

لوپ ناھىيەسى خېتيەنشيا كەپتەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانى لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈش نۇقتىسى بولغان خې جياشىن كەنتى ئەتراپىدا قۇرۇلدى. كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ئابلىز خوتۇنى بىلەن بىللە بۇلتۇر 6 - ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدى، ئايلىق كىرىمى جەمئىي 5000 يۈەن بولۇپ، شۇ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

لوپ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى تاۋ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: لوپ ناھىيەسى كەپتەرچىلىك كەسپىنى زورايتىش جەريانىدا، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈپ باشلامچى كارخانىلارغا سېلىپ ياكى كەپتەر بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىنى نامرات ئائىلىلەرگە مىقدارلاشتۇرۇپ بەردى؛ ياكى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پايدا تەقسىملەشتە تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن يۆلەش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتىش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش شەكلى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست چارۋىچىلىقتىكى باشلامچى كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، زور بىر تۈركۈم چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە باقمىچىلىق ماھىرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بارغانسېرى كۆپ دېھقاننىڭ باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ قوي گۆشىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، لېكىن ئىلگىرى كەسىپ شەكىللەندۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەس ئىدى. بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى ھەم كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مەنپەئەت چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، قوي گۆشىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئۈنۈم ئېففېكتى دەرھال نامايان بولدى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى» دېدى شايار ناھىيەلىك تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يەن يەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»