تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5- نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5- نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5 - نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5 - نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىننى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىغا ئاكتىپ باھا بېرىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلىنىشى كېرەك. ھەرقايسى ئەزالار دىققىتىنى ئورتاق تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەت يارىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسىغا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىچە تەرەققىيات ئەمەلىيىتى سۇپىسىغا، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭىچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئاپپاراتى ۋە خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش روھى ئارقىلىق ھەرقايسى ئەزالار بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى داۋاملىق قوللاپ ۋە ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەن جۇڭگوغا ۋاكالىتەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇپ، ئاسىيا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپى بەرگەنىدىم. تىجارەت باشلىغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى خەلقئارالىشىش، قېلىپلىشىش، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەڭ دەسلەپكى 57 قۇرغۇچى ئەزادىن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئالتە چوڭ قىتئەدىن كەلگەن 102 ئەزاغا تەرەققىي قىلغۇچە، دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى زورىيىپ، ياخشى ھەمراھلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسۈپ، كەسپىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك بولغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېپيېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەرشارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، پەقەت ئۆزئارا قوللاش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشلا كىرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان جاھاندىكى توغرا يول. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تىرىشىپ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم، تېخىمۇ ئاكتىپ رايون ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلىنىشى كېرەك.

بىرىنچى، دىققەتنى ئورتاق تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بارلىق ئەزالارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك، تەننەرخى تۆۋەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بىلەن تەمىنلىشى، ھەم ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەدەت بېرىپ، ھەم يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەدەت بېرىپ، ئاسىيا ھەم باشقا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىچە تەرەققىيات ئەمەلىيىتى سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى تەرەققىيات ئىدىيەسى، كەسىپ ئەندىزىسى، ئاپپارات ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، جانلىق، كۆپ خىل تەرەققىيات مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەت يارىتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭىچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئاپپاراتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى خەلقئارا ئورتاق ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەلىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

تۆتىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىساد ۋەزىيىتىنىڭ تەڭشىلىش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش روھى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدۇ. جۇڭگو داۋاملىق ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى قوللاپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.