تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى 35 مىڭ مو بۇغداي ئورۇش مەزگىلىگە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ چېڭ، چاڭ خۇاياڭ خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى كونيكومەي كەنتىدە بۇغداي ئورمىسىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە يازلىق ئاشلىق يىغىمى باشلاندى.

  7-ئاينىڭ 26-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى كونيكومەي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دەن سۈيشيانىڭ بۇغدايلىقىدا، كومبايىن بۇغدايلىقنى چۆرىدەپ، تەرتىپلىك ئورۇۋاتاتتى. بۇغداي دېنى ماشىنىسىنىڭ تەسىرىدە، دان ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ، بىردەمدىلا كومبايىن ساندۇقىغا قاچىلاندى، يېقىن ئەتراپتىكى ئاشلىق توشۇش ئاپتوموبىلىمۇ ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ، ئاشلىقنى ئامبارغا ۋاقتىدا توشۇدى.

  بۇغداي ھوسۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئامما تېرىغان ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تارماقلىرى ۋاقتىدا ئېتىزلارغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تارمىقىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق يىغىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مۇلازىمەت تارماقلىرى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن تەييارلىقنى باشلىغان.

  بۇ يىل، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە جەمئىي 35 مىڭ مو بۇغداي تېرىلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلا سورتلۇق بۇغداي تېرىقچىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي باشقۇرۇشىدا، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تارماقلار تېرىشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان پۈتكۈل مۇساپىدە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، بۇغداينىڭ بىرلىك مەھسۇلات مىقدارىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئاشۇردى، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئاشلىق زىرائىتى تېرىش ئارزۇسى ۋە سەۋىيەسىمۇ يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى