خەلق تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ تيەنجىن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، تيەنجىن شەھىرى گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى 42 نامرات ناھىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلىرى بىلەن تۇغقانلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان نامرات ناھىيەلەردىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تيەنجىن شەھىرى ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ تۆت باسقۇچلۇق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن: بىرىنچىدىن، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇشۇ ئاساستا «دوختۇرخانا بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش» شەكلى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلاردا جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق نۇقتىلىق پەنلەرنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بەرگەن. ئىككىنچىدىن، «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، نۆۋەتتە 42 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىدە ئاز دېگەندە بىر ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا تيەنجىن شەھىرىدىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن تۇغقانلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئۈچىنچىدىن، «ھەممە كەنتنىڭ ياخشى بولۇش» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، 42 نامرات ناھىيەنىڭ كەنت دەرىجىلىك سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. تۆتىنچىدىن، «ئالاقە تورى+» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.