تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مەكىت ناھىيەسى: ئالقات تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر مەرىگۈل مەمەت خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاش ئارقىلىق ئالقاتنىڭ ماركېتىڭ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئالقاتنىڭ ئەلا سۈپىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالقات تېرىقچىلىقىنى گۈللەندۈردى، «نىڭشياخۇڭ 7-نومۇر» ئالقېتى مېۋىسى چوڭ، تەمى تاتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى قىسمەن نامرات ئاھالىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىر، ئالقاتتىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى ئالقات تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئالقات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى ھەمدە ئالقاتلارنى يۇيۇپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، ئىسكىلاتتىن چىقاردى. مەكىت ناھىيەسى رۈنفېڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى فېڭمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ 36 مۇقىم خىزمەتچىمىز بار، ھەر يىلى يەنە %4 پايدىنى دېھقان پايچىكلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىمىز. 6-ئايدىن باشلاپ ئالقات ئۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، بىز 200دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق ئىشچى تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق».

  ھازىرغا قەدەر، مەكىت ناھىيەسى رۈنفېڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1200 موغا يېتىپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، 400 توننا قۇرۇق ئالقات يىغىۋېلىنىپ، شۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئالقات ئىشلەپچىقىرىش كەسپىمۇ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى»گە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى