تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

7 توننا ياڭيۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چېچىلىپ كەتتى، كۆپ تارماقلار تومۇز ئىسسىققا قارىماي بىرلىشىپ قۇتقۇزدى، ياردەم بەردى

     تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاراپ ناخې خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17:00دە، بۈگۈر ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە ياڭيۇ توشۇپ ماڭغان يۈك ئاپتوموبىلى يېرىم يولغا كەلگەندە، ئوڭ تەرەپ ئارقا چاقى ئېتىلىپ كېتىپ، ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 7 توننا ياڭيۇ يەرگە چېچىلىپ كەتكەن، بەختكە يارىشا شوپۇر يارىلانمىغان.

  ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ياڭيۇ توشۇپ ماڭغان شوپۇر ما ئەپەندى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى فۇكاڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ناھايىتى تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان.

  نەق مەيداندىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت يولى G7 لىنىيەسىنىڭ بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بوغدا كۆلى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدا، بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، يولدا توغرىسىغا تۇرۇپ قالغان، ياڭيۇلار يەرگە چېچىلىپ كېتىپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋالغان.

  «ياڭيۇنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغانتىم، بۇ ئىشنىڭ چىقىشىنى نەدىن بىلەي» يەردىكى ياڭيۇلارغا قاراپ ما ئەپەندىنىڭ چىرايىنى غەم باستى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۈگۈر ناھىيەسىدىن يولغا چىققان بولۇپ، يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرمەيلا ئالدىراپ يولغا چىققان، ئاپتوموبىل داخۇاڭشەن مۇلازىمەت رايونى يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە بىر قېتىم چاق پارتلاپ كەتكەن، ئۇ داخۇاڭشەن مۇلازىمەت رايونىدا بىر يېڭى چاقنى ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق يولغا چىققان، ئويلىمىغان يەردىن 50 كىلومېتىر ماڭمايلا يەنە بىر چاقى ئېتىلىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭ تەرەپ ئارقا ئىككى چاق بىراقلا ئېتىلىپ كېتىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان.

  نەق مەيداندىكى ئاپتوموبىل ۋە چېچىلىپ كەتكەن نەرسىلەر كۆپ ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋالغاچقا، پەقەت بىر ئاپتوموبىل يولىدىلا نورمال ماڭغىلى بولغان، بۇ دەل چۈشتىن كېيىنكى ئاپتوموبىل ئېقىمى يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، نەق مەيداننىڭ ئەھۋالى يول يۈرۈش ۋە بىخەتەرلىككە بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيداننى تېزلىكتە تازىلاپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ساقچىلىرى ئاگاھلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تاشيول ئاسراش، تاشيول باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن تېزلىكتە ئالاقىلىشىپ بىرلەشمە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرغان.

  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئۈچ سائەتكە يېقىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيدان تازىلىنىپ، نورمال يۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ما ئەپەندىمۇ قىسمەن ئىقتىسادىي زىياندىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.

  «30 نەچچە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىماي، كۆپچىلىك بىرلىكتە ياڭيۇلارنى قاچىلىشىپ بەردى، كۆپچىلىككە رەھمەت.» دېدى ما ئەپەندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىپ، ياڭيۇلارنى بىخەتەر ھالدا ئۈرۈمچىدىكى كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىغا يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى