تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىن ئىبارەت مېۋىلىك چوڭ باغ «ياشلىق» ھىدىنى تاراتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، جاڭ جىلى، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبولات ماناربېك

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئۆرۈكنى تاللاپ، بۆلۈپ قاچىلىماقتا. كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرى ئاقبۇيا كەنتىدىكى 450 مو يەردىكى قىزىل ئۆرۈك پىشتى.

( نىياز راخمان فوتوسى)

7 - ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بۈك - باراقسان باغلىرى مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرگە تولغانىدى. ئەگەر ئېگىزدىن نەزەر سالسىڭىز، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئوراپ تۇرغان تۇتاش كەتكەن، خۇش ھىدى تارىلىۋاتقان چوڭ باغنى كۆرىسىز.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باغ - ئورمان ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، ياڭاق مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. باغ - ئورمانچىلىق كىرىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %30ىنى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشىدۇ.

مەھسۇلات مىقدارى بارغانسېرى زورايدى، سورتى بارغانسېرى كۆپەيدى، تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلى بارغانسېرى تېزلەشتى، بۇ ئامىللار شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىماقتا. ئەنئەنىۋى ئۆستۈرۈشتىن ئىلمىي ئۆستۈرۈشكىچە، يالغۇز ئېلىشىشتىن بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشقىچە، ئەتراپتا سېتىلىشتىن دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشقىچە، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېۋىلىك چوڭ باغ «ياشلىق» ھىدىنى تارىتىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەرمەكتە.

يېڭىلىق يارىتىش ئىلمىي ئۆستۈرۈش ھاياتىي كۈچ قوشتى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چۆللۈكتە ئىسسىق دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. پەقەت بىر جىلغا ئايرىپ تۇرىدىغان ئاقسۇ خۇڭچىپو گۇرۇھىنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش بازىسىدىكى 60 مىڭ مو تۇتاش كەتكەن باغ - ئورمان چۆل ۋە بوستانلىقنىڭ سۇ بۆلگۈچىسىگە ئايلانغانىدى.

«ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىش ئاسانلاشتى» دېدى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بازىدىكى باغۋەن ئابدۇرېيىم. ئىلگىرى ئۇنىڭ ئون مو ئالمىلىق بېغىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىراش ئىشلەيتتى، بۇ يىل ماشىنىلاشقان ئۆستۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ، يېرىم كۈندىلا كۆچەتلەر تىكىلىپ بولدى، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇمۇ يەر ئاستى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېتىز بېشىغىچە يەتكۈزۈلدى. ئۆستۈرۈش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، بۇ يىل ئۇ 50 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ مېۋىلىك دەرەخ تىكتى.

بازىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى خې جاڭۋېينىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، چۆللۈكتە ئۆستۈرۈپ ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش بىلەن يەرلىك سورتلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، قايتا - قايتا سىناق قىلىپ، مىكرو ئورگانىك باكتېرىيەلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىش، ئۆسۈملۈك ئاسراشتا فىزىكىلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرنى قوللىنىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 60 مىڭ مو مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈپ، ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئەسلىدىكى 60 نەچچە پىرسەنتتىن 90 نەچچە پىرسەنتكە ئۆستۈرگەن.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى بۆلۈمە كەنتىدىكى 1000 مولۇق باداملىق باغدا، مېۋىلىك دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، شاخلىرى مېۋە بىلەن لىق تولغانىدى. «ئىلگىرىكى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىدە نوقۇل كۆلەمنىلا قوغلىشاتتۇق، بۇ بىر نەچچە يىلدا بىز سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا يەككە تۈپ ھوسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. ھازىر، بادامنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئىلگىرىكى 100 كىلوگىرامدىن بۇ يىلقى 300 كىلوگىرامغا ئۆستى» دېدى يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى جاڭ چياڭ.

بىرىكىش بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسىدىكى 170 مو چىلان ئۈلگە كۆرسىتىش بېغىدا، ئاقسۇ تيەنچۈەن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لياڭ شياۋجۈن باغۋەنلەرنى يېتەكلەپ يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەن پەنتاۋ چىلىنى، نىڭمېڭ قىشلىق چىلىنى قاتارلىق يېڭى سورتلارنى پەرۋىش قىلىۋاتاتتى. لياڭ شياۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باغۋەنچىلىك بازىسىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى، باغۋەنلەرنى ئىلمىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى.

باغراش ناھىيەسىنىڭ چېكىننۇر يېزىسى لاخەننۇر كەنتى «ساياھەت + خاس ئۆستۈرۈش + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يەرلىكنىڭ شاپتۇل كەسپى سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، شاپتۇل كەسپىنى كەسىپلىشىش، كۆلەملىشىش تەرەققىيات يولىغا يۈزلەندۈرۈپ، خاس ئۆستۈرۈش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

شېرىكلىشىپ ئۆستۈرۈشتىن باشقا، بەزى شىركەتلەر ئالدىن سېتىۋېلىش، ئارقىدىن سېتىپ چىقىرىش ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، باغۋەنلەرنى باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىن غەم قىلدۇرمىدى.

شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ياردەم بېرىش - يۆلەش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بۇ يىل يېڭىسار ناھىيەسىدىكى 102 ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈش ھەم مەھسۇلات سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى. «بۇ يىل، بىز قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 190دىن ئارتۇق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈش ھەم مەھسۇلات سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 12 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1750 يۈەن ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يۈچيەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى مېۋە - چېۋە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، باشلامچى كارخانىلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجغا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشى، باھاسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزۈپ، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

سىغىمنى كېڭەيتىش ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھاياتىي كۈچنى ئاشۇردى

ئۆستۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنى سىرتقا سېتىش كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، سېتىش شەكلى تېخىمۇ جانلىق بولدى.

«ئىلگىرى ياڭاق سېتىشتا تەلەيگە تايىناتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە يەرلىكنىڭ توپ سېتىش سودا رايونىدا مال ياخشى بولسىلا سودىگەرلەر تالىشىپ سېتىۋالىدۇ.» دېدى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى شىنجاڭ ياڭىقى قاغىلىق توپ سېتىش سودا بازىرىدا دېھقان قۇرباننىسا يىدايەت خۇشال بولغان ھالدا. بازار سودا مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى فېي شىڭخۇا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر جەمئىي 41 مىڭ توننا ياڭاق سېتىۋېلىپ، 39 مىڭ توننا ياڭاق سودىسى قىلىپ، پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتىنى قاپلىدۇق.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» شەندۇڭ - قەشقەر داڭلىق، ئەلا، خاس مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. شەندۇڭ قەشقەر خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى پېتى ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزىنى قۇرۇپ، خۇادۇڭ، خۇابېي رايونلىرىنى قاپلاپ، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ «شىنجاڭدىن چىقىشى قىيىن بولۇش» «شىنجاڭدىن چىقىشى قىممەت بولۇش» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇ يىل 6 - ئايغا قەدەر، كۆلىمى 11 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «شەندۇڭ چوڭ ئامبىرى» قۇرۇلۇپ، 60تىن ئارتۇق شىنجاڭ كارخانىسى ماكانلاشتى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى زاپاس مىقدارى 3000 توننىدىن ئاشتى.

كەڭ سېتىش تورى شىنجاڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى. 2019 - يىلى 968.5 توننا شىنجاڭ ياڭىقى، ياڭاق مېغىزى قاچىلانغان يۈك پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدىن تۈركىيە مېلسىن پورتىغا توشۇلدى، بۇ پورت ئارقىلىق تۈركىيە ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا كىردى، شىنجاڭ ياڭىقى تۇنجى قېتىم زور تۈركۈمدە خەلقئارا بازارغا ئېكسپورت قىلىندى.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ سەرخىل باغ - ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. شىنجاڭدىن ئىبارەت مېۋىلىك چوڭ باغنىڭ خۇش ھىدى تىيانشان تېغىدىن ھالقىپ، تېخىمۇ كەڭ بازارغا تارالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى