تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى كەسىپ ھالىتى كۈچ بەردى توردا، تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇش تېزلەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

توردا تەربىيەلەش، يىراقتىن ئىش بېجىرىش، ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش... مال سېتىۋېلىشتىن مۇلازىمەتكىچە، ئىشلەپچىقىرىشتىن سېتىشقىچە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر «تورغا چىقىش»، «بۇلۇتقا چىقىش»نى تېزلەتتى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى تېز تەرەققىي قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توردىكى ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، چەكتىن يۇقىرى توپ، پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تاۋار سودىسى %27.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 6 - ئايدا %60.9 ئاشتى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قىزىپ كەتتى

«بۇ يەر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، لوپنۇر قوغۇنى ھەم چۈرۈك، ھەم تاتلىق، بەك يېيىشلىك.» 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 400 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىسى بار لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خې مياۋ دىكتور «لوپنۇر خېيزى» بىلەن بىرلىشىپ، كۇەيشوۋ سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ قوغۇن سېتىپ، تورداشلارنى ياقتۇرۇپ زاكاز قىلىشقا جەلپ قىلدى، شۇ كۈنى لوپنۇر قوغۇنىدىن 1000 يەشىكتىن ئارتۇق سېتىلدى.

لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شياۋ شىمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ناھىيە شۇ جايدىكى دىكتورلارنى ئېتىز باشلىرىدا قوغۇننى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشقا تەشكىللەپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودا + بىۋاسىتە كۆرسىتىش» شەكلى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنىڭ رايون تەرەققىيات چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دېھقانلار بىلەن خېرىدارلارنى توردا بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقۇزۇپ، يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش «تېز پويىزى»غا چىقىرىپ، بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىتتا 10 مىڭ يەشىكتىن ئارتۇق قوغۇن ساتتى، سېتىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ناھىيەلەر «ھاكىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى»نى قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، رىياسەتچىلەر ئېكراندا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ شىيۈ چۇەنچى تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يوپۇغا، ئاقتۇ قاتارلىق 13 ناھىيەدە ئاممىۋى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى تەسىس قىلىپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودىنى چۈشىنىدىغان، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى بىلىدىغان» تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەرقايسى ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، مال تونۇشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، «بۇ يىل بىز ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر تۈركۈم يېزا - كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىدۇق، نۆۋەتتە جەمئىي ئاز كەم 8000 ئادەم قېتىمنى تەربىيەلىدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى لى لۇيۈ تونۇشتۇرۇپ.

يېڭى ھاياتىي كۈچ يۇغۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلدى

توردىكى دەرسخانىدىن مەۋھۇم يىغىنغىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتىن ئۇچراشمايدىغان ئاشخانىغىچە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئۇچۇرلىشىشتىن قاناتلىنىپ، رەقەملەشكەن تەرەققىيات يولىغا كىرىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىك ياراتتى.

شىنجاڭ جۇڭگۇڭ مائارىپى بىر مائارىپ مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بۇ ئاپپارات خېرىدارلار بايلىقى ۋە سۈپەتلىك ماركا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، توردا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. ئاپپارات مەسئۇلى شياۋ شېڭتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەتنىڭ ئېنىق بولغان رەقەملەشكەن تىجارەت ئىستراتېگىيەسى بار، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توردا كۆلەملەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش - ئېچىش ۋە توردا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، توردا، تور سىرتىدا يۇغۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل توردا تەربىيەلەش ئادەم قېتىم سانى ۋە كىرىمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.

يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش ھەم دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىدىكى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشتۇر.

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى مىنجۇ يولىدىكى «كونا داڭلىق ماركا» بولغان يىتيەنياڭ مېھمانسارىيى ۋەيمەي سودا شەھەرچىسىنى ئېچىپ، «ئۇچراشماي ۋەيمەي قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تەم سەزگۈ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چەكتىن يۇقىرى يېمەك - ئىچمەك كەسپى ئورۇنلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تاماق ھەققى كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، 6 - ئايدا %20.2 ئاشقان.

ئالاقىدار كەسپىي زاتلار مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تايىنىدىغىنى يېڭى بىر ئەۋلاد ئالاقە تورى ئۇچۇر تېخنىكىسى، نامايان قىلىدىغىنى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان جەمئىيەت تەرەققىيات يۆنىلىشىدۇر، بۇ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئورنىنى ئاددىيلا ئېلىش بولماستىن، بەلكى كېيىنكىسىنى ئۇلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككىسىنىڭ زىچ يۇغۇرۇلۇپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشتۇر.

يېڭىچە ئىستېمال يۈزلىنىشكە ئايلاندى

يۇقۇم مەزگىلىدە يېڭىچە ئىستېمال ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئىستېمال بارلىققا كەلدى، «يان تېلېفوندا زاكاز قىلىش، ئۆيگىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش» پۇقرالارنىڭ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشتىكى ئالدىن تاللاش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.

2017 - يىلى قۇرۇلغان كۇچا شەھىرىدىكى ۋىيۋىي تېز يەتكۈزۈش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى خام، يېڭى يېمەكلىكلەرنى سېتىش، ۋەيمەي قىلىش قاتارلىق توردا، تور سىرتىدا سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن مەنپەئەتلەنگەن بۇ سۇپا كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

«ھازىر ئايلىق سېتىش سوممىمىز 3 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مەۋقەنى شۇ جايدىكى چوڭ، ئوتتۇرا ھال ئولتۇراق رايونلارغا قويۇپ، 40تىن ئارتۇق ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولىمىز، يەنە چوڭ تىپتىكى ئامبار قۇرىمىز، بۇ ئامبار پۈتكەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخى ئاز دېگەندە %15 تۆۋەنلەيدۇ» دېدى بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى بىڭ چىجىن تونۇشتۇرۇپ.

شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ ئالاقە تورى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، توردىكى سۇنىڭ بۇلۇت دۇكىنى كىچىك پىروگراممىسى، سۇنىڭ خېرىدارغا تەۋسىيە قىلىش، ۋىيشىندا تېز سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەمئىيەت توپى ماركېتىڭ قوراللىرى ئارقىلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ «ئۆي ئىگىلىكى»نى جانلاندۇردى.

ئۆيدە تۇرۇپ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلىدە «ھەممە نەرسىنى توردىن سېتىۋېلىش» يۈزلىنىشكە ئايلاندى. خام، يېڭى مەھسۇلاتلار زور دەرىجىدە ئاشقاندىن باشقا، ئەرمەك ھايۋانلار تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئويۇن ئۈسكۈنىلىرى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش مەشىقى تۈرىدىكى تاۋارلارمۇ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئالاقە تورى، ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاقە تورى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسىپلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى ئالاقە تورىغا ئۇلاش ھەم ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپى %66.7 ئاشتى، ئالاقە تورى سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى 1.6 ھەسسە ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى