تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ياڭ شۇپېڭ: بۇرچ يولىدا ھاياتىنى بېغىشلىغان تىنچلىقنى ساقلاش قەھرىمانى

ياڭ شۇپېڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر مېي شىشيۇڭ) يېقىندا، 83 - جىتۇەنجۈننىڭ مەلۇم بىرلەشمە لۈيى 1 - يىڭ 3 - ليەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يەنە بىر قېتىم پېشقەدەم ليەنجاڭ ياڭ گېنسىنىڭ ھەيكىلى ئالدىغا كېلىپ، گۈل سېۋىتى سوۋغا قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىدى.

«بىز پېشقەدەم ليەنجاڭنى ياد ئېتىمىز، پېشقەدەم ليەنجاڭغا ئوخشاش ياخشى ئەسكەر ياڭ شۇپېڭنىمۇ ياد ئېتىمىز، ئۇ ھاياتى بەدىلىگە پېشقەدەم ليەنجاڭنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلدى» دېدى ليەنجاڭ لى جاۋلۇڭ.

1983 - يىلى، ياڭ شۇپېڭ شەندۇڭ لەيۋۇدىكى بىر ھەربىيلەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلادتىن سەككىزەيلەن ھەربىي بولغان. 2001 - يىلى، ئۇ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، «ياڭ گېنسى ليەنى»دىن ئىبارەت بۇ قەھرىمان ليەندۈيگە كەلگەن. ئۇنىڭ ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن كۆرگەن تۇنجى كىنوسى «ياڭ گېنسى»، ئوقۇغان تۇنجى كىتابى «ئالاھىدە قەھرىمان ياڭ گېنسى»، ئېكسكۇرسىيە قىلغان تۇنجى ئورنى ليەندۈي شەرەپ ئۆيى بولغان، پېشقەدەم ليەنجاڭ ياڭ گېنسىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

«ئەسكەر بولغان ئىكەنمەن، پېشقەدەم ليەنجاڭ ياڭ گېنسىغا ئوخشاش ياخشى ئەسكەر بولۇشۇم، ھەر ۋاقىت بارلىقىمنى بېغىشلاشقا تەييار تۇرۇشۇم كېرەك» دېگەنىدى ياڭ شۇپېڭ ھايات ۋاقتىدا.

2003 - يىلى، خېنەن لەنكاۋ ناھىيەسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەن، ياڭ شۇپېڭ تۇرۇشلۇق قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا بارغان. ياڭ شۇپېڭ بىلەن سەپداشلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە نەچچە كۈن جەڭ قىلىپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان.

2008 - يىلى، ۋېنچۇەندە يەر تەۋرىگەندە، ياڭ شۇپېڭ قىسىم بىلەن بىللە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلانغان...

ئارمىيەگە قاتناشقان ئون نەچچە يىلدا، ياڭ شۇپېڭ باشلامچىلىق بىلەن غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى مەشىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن لۈي بويىچە داڭلىق ئالاھىدە مەرگەنگە ئايلانغان؛ باشلامچىلىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا چىڭ تۇرغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇھىم، زور مانېۋىر، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مۇقىملىقنى ساقلاپ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپىلەرگە 40 نەچچە قېتىم قاتناشقان.

2015 - يىلى 9 - ئايدا، لۈي بۇيرۇققا بىنائەن جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇدانغا بارىدىغان تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر يىڭىنى تەشكىللىگەن. ئائىلىسىنىڭ يالغۇز پەرزەنتى، 4 - دەرىجىلىك جۈنشىجاڭ ياڭ شۇپېڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەي ئىلتىماس سۇنغان.

جەنۇبىي سۇداندىكى ھەربىر كۈندە، ياڭ شۇپېڭ ۋە سەپداشلىرى ھەر ۋاقىت ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرغان. گەرچە ئىزچىل ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يەنىلا يۈزبەرگەن.

شۇ جاي ۋاقتى 2016 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جەنۇبىي سۇداندا كەسكىن ئېتىشىش يۈزبەرگەن، جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر يىڭى دەرھال بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرگەن. ياڭ شۇپېڭ پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلىنىڭ زەمبىرەكچىسى بولۇپ قاراۋۇللۇق ئورنىغا بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، جەڭ ئورنىدا 15 سائەت ئىزچىل چىڭ تۇرغان.

7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جەنۇبىي سۇداندا يەنە بىر قېتىم كەسكىن ئېتىشىش يۈزبەرگەن، ئېتىشىش قاراۋۇلخانىنىڭ بىرىنچى سېپىگە قىستاپ كەلگەن. ياڭ شۇپېڭ ئوق زىچ ئېتىلىۋاتقان، ئەتراپتا بومبا پارتلاۋاتقان ھايات - ماماتلىق سەپتە ئۇدا 11 سائەت جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان. تۇيۇقسىز، ياڭ شۇپېڭ ئولتۇرغان 105 - نومۇرلۇق جەڭ ئاپتوموبىلى بىر پاي راكېتا بومبىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئۇ شۇ چاغدا زەمبىرەك مۇنارىدا كۆزىتىش، قارىغا ئېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بەدىنى ئېغىر يارىلانغان.

ياڭ شۇپېڭ 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئېلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ شۇپېڭ خۇددى ئۆزىنىڭ پېشقەدەم ليەنجاڭىغا ئوخشاش، «ياڭ گېنسى ليەنى»دىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەنىۋى بايرىقى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى