تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

سەي سۇڭسۇڭ: ھاياتى بەدىلىگە ھاياتلىقنى قۇتقۇزدى

سەي سۇڭسۇڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتىنىڭ قايتا تارتىلغان سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چېڭدۇ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار ۋۇ گۇاڭيۈ، كاڭ جىنچيەن) 2017 - يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، سىچۇەن لۇشيەن ناھىيەسىدىكى خەلق ساقچىسى سەي سۇڭسۇڭ سۇ ئامبىرىدىكى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى بالىنى قۇتقۇزدى، ئەمما ئۆزى قايتىپ چىقالمىدى، ھاياتى 31 يېشىدا توختاپ قالدى.

سەي سۇڭسۇڭ، ھايات ۋاقتىدا سىچۇەن ئۆلكىسى لۇشيەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىچياۋ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى، خۇبېي سۇڭزى شەھىرىدىن. 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتە، چاغاننىڭ كېلىشىگە ئىككى كۈنلا قالغانىدى، لۇشيەن ناھىيەسىدىكى سەككىز ياشلىق ئىككى ئوغۇل بالا شۈەنتەن بەخت سۇ ئامبىرىنىڭ تىك قىرغاقلىق توسمىسىغا بېرىپ ئويناپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىدە چاغانلىق تاماق يېيىشكە تەمشىلىۋاتقان سەي سۇڭسۇڭ قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، تەبىئىيلا ھويلا دەرۋازىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ توسمىغا قاراپ يۈگۈرگەن.

خەتەرلىك ئەھۋالدا، سەي سۇڭسۇڭ چاپىنىنى سېلىپلا قىلچە ئىككىلەنمەي سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن، ئۇ ئىككى قولى بىلەن چۆكۈپ كېتىۋاتقان ئىككى بالىنى كۈچەپ تىرەپ كۆتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنى توسما بويىغا ئاز - ئازدىن ئىتتىرىپ بارغان، بۇ چاغدا قۇتقۇزغۇچى ئامما كۆپەيگەن، بىرەيلەن بامبۇك خادىسى تېپىپ كېلىپ ئىككى بالىغا سۇنغان، ئىككى بالىنىڭ بامبۇك خادىسىنى تۇتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى قىرغاققا تارتىپ چىققانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن سەي سۇڭسۇڭ زادىلا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئۇنىڭ ھالسىزلىنىپ كەتكەن بەدىنى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك مۇزدەك سۇغا چۆكۈپ كەتكەن.

لۇشيەن ناھىيەسى شۈەنتەن بازىرى تۇڭشەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، نەق مەيداندا كۆرگۈچى ۋاڭ كەيگۇي مۇنداق دېدى: سەي سۇڭسۇڭ ئىككى بالىنى سۇ يۈزىگە ئىتتىرىپ چىقارغاندا، ئۇ سۇغا بۇرنىغىچە چۆككەن بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ ئىككى كۆزى بىلەن بېشىنىلا كۆرگىلى بولاتتى. كۆپچىلىك پۈتۈن كۈچ بىلەن سەي سۇڭسۇڭنى سۈزۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقتى، لېكىن بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.

خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدە، سەي سۇڭسۇڭنىڭ ھايات - ماماتلىق پەيتتىكى تاللىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا، ئىلگىرى كۆپ قېتىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان.

1996 - يىلى، سەي سۇڭسۇڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر كەنتلىك كىچىك ھەمراھىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان، 2003 - يىلى ئۇ يەنە چاڭجياڭ دەرياسىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

2006 - يىلى، نەرسىلىرىنى ئوغرى ئالغان دېھقان ئىشلەمچىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ پىچاق تۇتقان جىنايەت گۇماندارىنى قۇرۇق قول بويسۇندۇرغان، يەنە ئۆزى پۇل چىقىرىپ دېھقان ئىشلەمچىگە ئۆيىگە قايتىدىغان پويىز بېلىتى ئېلىپ بەرگەن.

2009 - يىلى، ئابا ئوبلاستى خۇڭيۈەن ناھىيەسىدىكى بىر قېتىملىق ئوتلاق ئوت ئاپىتىدە، ئۇ سەپداشلىرىنى باشلاپ بىرىنچى بولۇپ ئوت مەيدانىغا ئېتىلىپ كىرىپ، زور ئوت ئاپىتىنىڭ يامراپ كېتىشىنى ۋاقتىدا توسۇپ قېلىپ، نەچچە يۈز قوتاز، نەچچە يۈز گېكتار ئوتلاق ۋە چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ساقلاپ قالغان.

سەي سۇڭسۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يولداش سەي سۇڭسۇڭغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بېرىشنى قارار قىلدى.

ئۇنىڭ ئايرىلىشى بەك تۇيۇقسىز بولدى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان ساقچىخانىدا، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىراش يۈرگەن سىيماسىنى، چارچاش سەۋەبىدىن بوغۇق چىقىدىغان ئاۋازىنى ھېلىمۇ ئەسلىيەلەيدۇ. سەي سۇڭسۇڭنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاددىي - ساددا دېھقان ئىدى، يالغۇز ئوغلىنىڭ قۇربان بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، دادىسى سەي باڭكەي كۆز يېشىنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ: «بىز ئوغلىمىزنى دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشسۇن دەپ بېقىپ چوڭ قىلدۇق، ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرغانلىق» دېدى.

ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، سەي سۇڭسۇڭ «ھايات - ماماتلىق بىر قېتىملىق كۆتۈرۈش» بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان، قۇربان بولۇشتىن قورقمايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى شەرھلىدى. بىر ساقچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ پۈتكۈل ھاياتى ئارقىلىق جاراڭلىق قەسىمىنى ۋە خەلق ساقچىلىرى ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز ساداقىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى