تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

【يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى】 قانداق قىلغاندا بىخەتەر، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانغىلى بولىدۇ؟

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ شۇفاڭ خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قانداق قىلغاندا بىخەتەر ئوزۇقلانغىلى، «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەكشى ئوزۇقلىنىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى ئوزۇقشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ما جىيۇڭ ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە تەكلىپ بەردى.

قانداق يېسە تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، ما جىيۇڭ مۇنداق دېدى: يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ بېسىپ قويماسلىق، مېۋە-كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا سېتىۋېلىپ، ۋاقتىدا يېيىش كېرەك.

نۆۋەتتە، سىرتقا چىقىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، ساقلاشقا چىداملىق توڭلىتىلغان گۆش مەھسۇلاتلىرى، يىلتىزسىمان غوللۇق كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق مىقداردا زاپاس ساقلىسا بولىدۇ. ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ساقلاش شارائىتى بويىچە ساقلاپ، سۈپەت مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىۋالماسلىق، يېمەسلىك، چارۋا-قۇشنى ئۆزى ئۆلتۈرمەسلىك، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان چارۋا-قۇش گۆشى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملاردا تاماق ئەتمەسلىك كېرەك.

يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ پىشۇرۇش جەريانىدا، ئالدى بىلەن، گۆش، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئۈزۈل-كېسىل پىشۇرۇش، سۇيۇق تۇخۇم، سىشېن، شېڭيۈپيەن يېمەسلىك، ئېشىپ قالغان تاماقنى يەنە بىر قېتىم يېيىشتىن بۇرۇن ئۈزۈل-كېسىل قىزىتىش، ئائىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىمكانقەدەر سوغۇق سەينى ئىسسىق سەيگە ئۆزگەرتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تەييارلىغان يېمەكلىكلەرنى تېزدىن يېيىش، ئەگەر ۋاقتىدا يېيەلمىسە، پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلاش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. خام بىلەن پىششىقنى ئايرىپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئىككى يۈرۈش پىچاق، دۆشە، قاچا ئىشلىتىش كېرەك.

ما جىيۇڭ يەنە قولنى پات-پات يۇيۇشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. تاماق ئېتىشتىن بۇرۇن، تاماق ئېتىش جەريانىدا پاكىز بولمىغان بۇيۇملار ياكى چارۋا-قۇش گۆشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئېقىن سۇ، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى ئەتىر سوپۇن قاتارلىقلار بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك.

ئۇنداقتا، قانداق يېگەندە تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولىدۇ؟

ما جىيۇڭ مۇنداق دېدى: «تاماق ئۈستىلىدە دانلىق زىرائەتلەرنى ئاساس قىلىپ، ياڭيۇ تۈرىدىكى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەر ۋاخلىق تاماقتا مىفەن، موما، چۆپ قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دانلىق زىرائەت، ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەر كۈنى ئۈچ خىلدىن ئېشىشىغا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر كۈنى يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش، ھەر قېتىملىق تاماقتا كۆكتات بولۇش، ھەركۈنى 200 ~ 350 گىرام يېڭى مېۋە يېيىشكە كاپالەتلىك قىلىش، مېۋە شەربىتىنى يېڭى مېۋىنىڭ ئورنىغا قويماسلىق كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، بېلىق، قۇش، سۈت، تۇخۇم ۋە دادۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى زىيادە كۆپ يېمەسلىك، ھەر كۈنى ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش، قېتىقنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى