تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 قېرىنداشلار بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلدى

مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن ۋاڭ نەنجېڭ بىلەن ما ۋېنجيەن سىنلىق سۆزلەشمەكتە. (زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت)

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ چىڭشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇڭ خۇي خەۋىرى): 34 ياشلىق ما ۋېنجيەن ئۈرۈمچىدىكى بىر يەككە تىجارەتچى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىڭبىڭ شىمالىي 2-يولى مەھەللىسىدە پىدائىيلىققا تىزىملاتتى.

«مېنىڭ تۇغقانلاشقان ئىنىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئازغىنە كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ، مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت خىزمىتىگە ياردەملىشىمەن» ما ۋېنجيەننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ قارارى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە تۇغقانلاشقان ئىنىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ما ۋېنجيەننىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان تۇغقانلاشقان ئىنىسىنىڭ ئىسمى ۋاڭ نەنجېڭ بولۇپ، 27 ياش، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچىسى.

ئىككىيلەن تۇغقانلاشقىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، يۇقۇمنىڭ قايتا يۈز بېرىشى بىلەن، ما ۋېنجيەن پەقەت ۋېيشىندا سىنلىق كۆرۈشۈش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ئىنىسىدىن ئەھۋال سورىدى.

بىر قېتىملىق سىنلىق كۆرۈشۈشتە، ۋاڭ نەنجېڭ قوغدىنىش كىيىمىنى سېلىۋەتكەندە كىيىمى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، ما ۋېنجيەن بۇنى كۆرۈپ بەك ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. ۋاڭ نەنجېڭ ئۇنىڭغا ئەنسىرىمەسلىكنى ئېيتىپ، قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى.

ئىنىسىنىڭ بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەندە، ما ۋېنجيەن ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. مەھەللە پىدائىيلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى.

ئاھالىلەر ئۈچۈن كۆكتات سېتىۋېلىش، ئەخلەت تۆكۈش... تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە، ما ۋېنجيەن ئولتۇرۇشلۇق يىڭبىڭ لىشې ئولتۇراق رايونىدىكى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ھېرىپ چارچىغاندا، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئىنىسىنى ئويلىسىلا، ھارغىنلىق ھېس قىلمايتتى. نەچچە كۈندىن بۇيان، ما ۋېنجيەن پىدائىيلارنىڭ خىزمىتىگە بارغانسېرى پىششىق بولۇپ كەتتى.

شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى شەھەرلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ داۋاملىق قانات يايدۇرغان توردا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ما ۋېنجيەن بىلەن ۋاڭ نەنجېڭ سىنلىق سۆزلىشىش ئارقىلىق، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىشقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

«ھازىر، مەن ئىنىم بىلەن پىدائىي بولغاندىن كېيىنكى كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئورتاقلىشالايمەن. قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئىنىم ماڭا ياردەم قىلىپ، ئامال تېپىپ بېرىدۇ،» ما ۋېنجيەن مۇخبىرغا، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسىلا، چوقۇم «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى