تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئويۇن ئارقىلىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش

   بالىلار دىققىتىنى يىغالمىسا، دەرس ئاڭلىغاندا ياكى ئىش قىلغاندا دىققىتى ئاسانلا چېچىلىدۇ، بۇ كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى. دىققىتىنى يىغىش ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا تەسەۋۋۇر كۈچى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تەييارلىق ھالىتىدۇر.

  تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئويۇننىڭ بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىشقا ياردىمى بار:

  سانلارنى ئۇلاش

  سانلارنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە، سىزىق سىزىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر پارچە ئاددىي رەسىم پەيدا بولىدۇ. سانلارنى تۇتاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ھايۋان ياكى قانداق شەكىلدە تۇتىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدۇرۇپ باقسا بولىدۇ، بالا سانلارنى تۇتاشتۇرۇش جەريانىدا ھەم خۇشال بولىدۇ، ھەم سەۋرچانلىقىنىمۇ چېنىقتۇرالايدۇ.

  شۇئېرتې جەدۋىلى

  بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە 5X5 كىۋادرات شەكىللىك جەدۋەل سىزىش. 1 ~ 25گىچە بولغان ساننى ئىختىيارىي تولدۇرۇپ، بالىغا توغرا تىزىلىش تەرتىپى بويىچە سانلارنى كۆرسىتىش، ئاتا-ئانىلار ۋاقىتنى ھېسابلاشقا ياردەملىشىش. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يېشىغا ئاساسەن جەدۋەلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەڭشەپ، جەدىۋەل تۈزۈپ، ئاندىن جەدىۋەلنىڭ سانىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

  قارتا ئويناش

  ئۈچ پارچە ئوخشىمىغان قارتىنى ئېلىپ، خالىغانچە ئۈستەلگە تىزىپ قويۇش. مەسىلەن: سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە ئىككىلىك قاغا، ئۈچلۈك قاغا، بەشلىك غىش بولۇپ، ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك بىر قارتا تاللىنىدۇ، مەسىلەن: ئىككىلىك قاغا، بالىڭىز بۇ قارتىغا تىكىلىپ قارايدۇ، ئاندىن سىز ئۈچ قارتىنى ئۈستەلگە دۈم كۆمتۈرۈپ قويىسىز، سىز ئۈچ قارتىنىڭ ئورنىنى خالىغانچە ئالماشتۇرىسىز، ئاندىن بالىدىن ئىككىلىك قاغىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورايسىز. بالا قارتا ئورنىنى توغرا پەرەز قىلسا، ئىككى ئادەم نۆۋەتلىشىپ ئويۇن ئوينىسا بولىدۇ.

  ماشىنا ئادەم بولۇپ بۇيرۇق ئاڭلاش

  بالا ماشىنا ئادەمنىڭ رولىنى ئالىدۇ، ئائىلە باشلىقى بالىنىڭ بېشىنى ئۈچ قېتىم يېنىككىنە بېسىپ قويغاندىن كېيىن، بالىغا قاراپ بۇيرۇق چۈشۈپ: «ماشىنا ئادەم، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىڭ» دەيدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ياخشى يېرى، بالا بۇيرۇقنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئىجرا قىلىپ، مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

                                              (جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى