تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياش تۇرۇپلا يۈرەك تىقىلمىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ

  يۈرەك تىقىلمىسى ناھايىتى خەتەرلىك، كېسەللىك قوزغالغان ھامان جاننى ئالىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

  يېقىندا، تونۇلغان بىر سىنارىست يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ئۇ ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈرەك تىقىلمىسى سەۋەبلىك قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، سۇبېي دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك قان-تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 69 ئاغرىققا يۈرەك تىقىلمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا 24 سائەت ئىچىدە ئۇدا 10 ئاغرىققا دىياگنوز قويۇلغان. بۇ يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى ئىچىدە %20تىن كۆپرەكى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى 27 ياشتا ئىكەن.

  پەقەت بىر يەرلىك دوختۇرخانىدا مۇشۇنداق بولغان، ئۇنداقتا پۈتۈن مەملىكەتتىچۇ؟ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار بىر ئائىلىنىڭ تۆۋرۈكى، دەل جان تىكىپ تىرىشىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان باسقۇچتا تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ قازا قىلىشى ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن قوبۇل قىلىش تەس بولغان ئازاب ۋە يوقۇتۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ياشلار يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولىدۇ؟

  بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، بۇ كېسەلنى ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئالماشتۇرۇۋېلىش، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش قالايمىقان بولۇش؛ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، زىيادە كۆپ تاماق يەۋىلىش؛ كۈن بويى ئولتۇرۇش، ھەرىكەت قىلماسلىق؛ خىزمەت كۆپ، بېسىم ئېغىر بولۇش... بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر، ئەمما بۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ كەتكەن. بۇنداق بولغاندا بەدەن بالدۇرلا ھالسىزلىنىپ، يۈرەك تىقىلمىسىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن كېسەللىكمۇ بالدۇرلا قوزغىلىدۇ.

  ئۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ مەسىلەن: چىش ئاغرىقى، كىندىك ئەتراپى ئاغرىش، كۆكرەك سىقىلىش، سول يۇقىرىقى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىش، تاغاق سۆڭىكى ئاغرىش، تاپان ئاغرىش قاتارلىق بەدەندىكى ئالامەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بارسا بولىدۇ. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پايدىسى، ئۈنۈمى بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىي رولى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

  چۈنكى يۈرەك تىقىلمىسى بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان بەدەندىكى بۇ خىل ئالامەتلەر يۈرەك تىقىلمىسى كېسەللىكىدىلا كۆرۈلمەيدۇ. ئالامەتلەر كۆرۈلسىمۇ بۇنىڭ چوقۇم يۈرەك تىقىلمىسى بولۇشى ناتايىن. چىش ئاغرىسا يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان بۇلامدۇ؟ كۆكرەك سىقىلسا ۋە تاپان ئاغرىسا يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان بولامدۇ؟ ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشتا كۆپچىلىك بۇ ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىپ، ھۇشيار بولۇپ، بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە قولىدىكى بارلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ دوختۇرخانىغا بارالىشى مۇمكىنمۇ؟

  بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كۈندە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ، خىزمەتتىكى، ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى ۋە تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن چىگىچ ھەم مۇرەككەپ ئىشلار بىلەن بولۇپ كەتسە، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟

  شۇڭا، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ياشلىشىپ كېتىشىنى ئالدىنى ئېلىشتا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاڭلىقىلىقىغا تايىنىشقا، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. تاماكا تاشلاش، ھاراق ئىچمەسلىك، گۆشنى ئاز يەپ، كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي ھالەتنى ياخشى تۇتۇش... يۇقارقىدەك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ داۋاملاشتۇرالىغاندىلا، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى نېگىزىدىن يۇقاتقىلى بولىدۇ.

                                                                 (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى