تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بېيجىڭ سىفەن داشۆسى «جىيۈەن پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 30 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ياردەم بېرىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى 2020 - يىلى تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «جىيۈەن پىلانى»نى تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىپ، قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەر بار شىنجاڭ، نىڭشيا قاتارلىق يەتتە ئۆلكىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. پىلان بويىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 30 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  «جىيۈەن پىلانى» بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا ھەم ئىنگلىز تىلى بولۇپ، «نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، نىشانلىق يېتىشتۈرۈش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىرادە باغلىغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ئەلالىرى تاللىنىدىكەن.

  بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جىيۈەن پىلانى»دىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار جەزمەن «بېيجىڭ سىفەن داشۆسى جىيۈەن پىلانى بويىچە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى كېلىشىمنامىسى»دا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ئارقىلىق، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆزى كەلگەن ئۆلكىدىكى مائارىپ بايلىقى نىسبەتەن كەمچىل ناھىيەلەردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى، ۋاقتى ئالتە يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك ئىكەن. كېلىشىمدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلارغا بېيجىڭ سىفەن داشۆسى تۆت يىللىق تولۇق كۇرس مەزگىلىدىكى ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىدىكەن، ھەم ئۇلارنى مەكتەپنىڭ «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئاتلىنىش پىلانى بويىچە مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن، 2020 - يىلىدىكى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنىڭ سوممىسى 100 مىڭ يۈەن ئىكەن. مۇلازىمەت مۇددىتى بىر مەۋسۇمگە توشقان ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار خىزمەت ئىشلەۋېتىپ بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدە مائارىپ ماگىستىرلىق كەسپىي ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدە، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئۇيۇشتۇرغان ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى خىزمەت داۋامىدا تەربىيەلەش تۈرىگە قاتنىشىشقا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ سەرخىل دەرسلىكلىرى، تور مائارىپ بايلىقى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا، پەن مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى كوللېكتىپىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىگە ئېرىشىشكە، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئاساسىي مائارىپ بىرىنچى سېپىگە يۈزلەنگەن مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتى قاتارلىق خىزمەتكە قاتناشقانلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئىگىلىمەكچى بولسا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ ياكى «جىيۈەن پىلانى» مەخسۇس لىنىيەسى 58809414 - 010كە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى