تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا ناھىيەسىدىن توغراقسۇ مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى: 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان غۇلجا ناھىيەسىدىن توغراقسۇ مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، ھازىر بۇ تۈرگە 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

غۇلجا ناھىيەسىدىن توغراقسۇ مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول ئىلگىرى 4-دەرىجىلىك تاشيول بولۇپ، تېخنىكا كۆرسەتكۈچى تۆۋەن، قاتناش ئىقتىدارى ناچار، توغراقسۇ ئوتلاق ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە رايوننىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى. ھازىرقى تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى غۇلجا ناھىيەسى بىلەن توغراقسۇ ئوتلاق مەنزىرە رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قولايلىق يول، شۇنداقلا توغراقسۇ ئوتلاق قاتناش-تىرانسپورتى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم يول بولۇپ، تاشيول تىرانسپورت ئىقتىدارى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش، رايون ساياھەتچىلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، كۈرەكلىك ئېلېۋاتور، توپا قېزىش ماشىنىسى، چىڭداش ماشىنىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قۇم-شېغىل ۋە توپا بېسىلغان چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى توختىماي قاتناۋاتاتتى. غۇلجا ناھىيەسىدىن توغراقسۇ مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ قوماندانى ۋاڭ يۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر يول ئۇلىنى تىندۇرۇۋاتىمىز، ئاجىز يول ئۇلىنى چىڭداپ بىر تەرەپ قىلىپ، تاغنىڭ يانتۇلۇقى بىر قەدەر تىك بولغان بۆلەكتە توسما تام قوپۇرۇۋاتىمىز.»

ۋاڭ يۈن مۇنداق دېدى: «غۇلجا ناھىيەسىدىن توغراقسۇ مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 45.1 كىلومېتىر بولۇپ، 3-دەرىجىلىك تاشيول قىلىپ لايىھەلەنگەن، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 30 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 7.5 مېتىر، يول يۈزىنىڭ كەڭلىكى 6.5 مېتىر بولۇپ، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تاماملىنىدۇ.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى