تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، مۇھىم نۇقتىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزغا مۇھىم نۇقتا بەلگىلەپ بەردى، نىشان ۋە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

كەسىپ قۇرۇلمىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ قاتلىمى تۆۋەن، سېلىشتۇرما ئۈنۈمى ناچار بولۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن دەرىجىدىن ئوتتۇرا - يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەن قوشۇلما قىممەتتىن يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە قاراپ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى، بايلىق يارىتىش تۈپ مەنبەسى. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىرادىنى ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ پۇختىلىغان، كۈچەيتكەن، ئەلالاشتۇرغاندىلا، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتكىلى، ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن ئۈچ كەسىپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ماس تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، 3 - كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. 1 - كەسىپتە كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، خاسلىقى روشەن بولغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم رايون خاس سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 2 - كەسىپتە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. 3 - كەسىپتە سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىكى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - كۈتۈنۈش كەسپى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىش كېرەك؛ ساياھەتچىلىكنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «قانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق» دەپ كۆرسەتتى. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭىلىق ياراتقاندىلا كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقىلى، ئۇنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندۇرۇپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى رايون»نىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ۋە ئەندىزىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى