تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەربىرىگە كۈنىگە 50 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تاماق يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

    نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلار مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆزىتىش نۇقتىلىرى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

    جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار كۆرسەتمىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى».

    بىرىنچى، تېببىي كۆزىتىش ياخشى ئىشلەندى. بارلىق مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش ئوبيېكتلىرى مۇقىملاشتۇرۇلغان ھامان، بىرىنچى ۋاقىتتا مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىلدا «بىرگە بىر» ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ-ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يۆتكەلدى، تەرتىپلىك ئۇدۇللاشتۇرۇلدى. يالغۇز ئادەم يالغۇز كىشىلىك تۇرالغۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى(بالىلار، ئاغرىقلار قاتارلىق ھەقىقەتەن باشقىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا)، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەركۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈلدى، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىپ، خاتىرە قالدۇرۇلۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىدا نورمالسىزلىق بايقالغان ھامان يۆتكەپ داۋالاندى.

    ئىككىنچى، تۇرمۇش كاپالىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى بارلىق ئۆيلەرگە ئاساسىي تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپ، سۇ، توك قاتارلىقلارنى نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىندى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى سەپلەندى، ھەربىر كىشىگە كۈنىگە 50 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە نۇقتىلىق تاماق يەتكۈزۈپ مۇلازىمەت قىلىندى ھەمدە باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ۋاقتىدا دورا يەتكۈزۈپ بېرىلدى، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك كۆرۈلگەنلەر مەخسۇس ئاپتوموبىلدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلدى.

    ئۈچىنچى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش كۈچەيتىلدى. توردا ۋە تور سىرتىدا پىسخىك مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى، خىزمەتچى خادىملار مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار بىلەن ۋېيشىن توپى قۇرۇپ، تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار بىلەن توپتا ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى، بۇنىڭ بىلەن پىسخىك بېسىم يېنىكلىتىلىپ، كەيپىيات تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، ئىشەنچ ئاشۇرۇلدى.

    تۆتىنچى، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىندى. خىزمەتچى خادىملاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشى قاتتىق چەكلەندى. پاكىز رايون، يېرىم بۇلغانغان رايون ۋە بۇلغانغان رايون مۇۋاپىق تەسىس قىلىنىپ، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھەربىر ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ مۇستەقىل ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، تېببىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆلچىمى بويىچە ئەسلىھەلەر سەپلىنىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىندى. دېزىنفېكسىيەلەش خاتىرە تىزىملىكى قالدۇرۇش پۇختا ئىشلىنىپ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى ۋاقتىدا تازىلاندى.

    «بىز تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ تېببىي كۆزىتىشكە دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ سالامەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشىنى، ئەگەر قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، پۇراش سېزىمى، تەم سېزىمى بىنورمال بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال خىزمەتچى خادىملارغا مەلۇم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جاڭ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى