7-ئاينىڭ 22-كۈنى تومۇزنىڭ ئالدى-كەينىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلدى، يامغۇردىن كېيىن كەچكى شەپەق ناھايىتى گۈزەل كۆرۈندى، توز دەرياسى، ئاققۇ دەرياسى، خۇڭيەن دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ سۇ يۈزى ئاسمان بىلەن بىر خىل رەڭ بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى. رەڭگارەڭ كېچە مەنزىرىسىدە يۇلتۇزلار چاقناپ، بىر پارچە گۈزەل تەبىئىي رەسىم ھاسىل بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك شەھەر بەرپا قىلىش» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بېكىتىپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. (چۆ.خۇرە فوتوسى)
《学习强国》دىن تەرجىمە قىلىندى