تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ «بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسى»نىڭ زىيارەت قىلىنىش مىقدارى 5 مىليوندىن ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ خەيفېڭ خەۋىرى): «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاقىتلىق تاقىدۇق، بىز بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرگە داۋاملىق مۇلازىمەت قىلدۇق، نۆۋەتتە، بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسىنىڭ زىيارەت مىقدارى 5 مىليوندىن ئاشتى.» 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى لى لى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شۇنداق دېدى.

  نۆۋەتتە، ئوقۇرمەنلەر تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق «بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسى»دىكى تۈرلۈك رەقەملىك ئوقۇش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بىرىنچى خىلى، بىۋاسىتە شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئاممىۋى نومۇرىنى قوشۇۋېلىش، ئىككىنچى خىلى، كىچىك پىروگرامما ئارقىلىق كىرىش، ئۈچىنچى خىلى، يان تېلېفوندا شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ APPسىنى چۈشۈرۈۋېلىش، تۆتىنچى خىلى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئورگان تورىغا چىقىش.

  «APPگە شەخسنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى ئارقىلىق تىزىملىتىش كېرەك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ APPنى ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىز ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئاستىدىكى <微服务大厅>غا ۋېيشىننىڭ كىتاب ئارىيەتكە ئېلىش كىنىشكىسى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى قوشتۇق. ئوقۇرمەنلەر كىملىكى ۋە چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ. ئاندىن ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئارىيەتكە ئېلىش كىنىشكىسى ئارقىلىق بىزنىڭ بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىمىزغا تىزىملاتسا بولىدۇ.» دېدى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ جىمىن.

  ئۆيىدە تۇرۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك، مول مەنىۋى مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى جۇڭگو جىۋاڭ تورى، ۋەنفاڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىي مائارىپى، ۋېيپۇ تورى، QQ كىتاب ئوقۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق رەقەملىك بايلىق ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن. ئىلمىي ژۇرنال، بازارلىق ژۇرناللار، ئىمتىھان ئامبىرى، ئۆسمۈرلەر سىزما رەسىملىك كىتابى، ئاۋازلىق كىتاب قاتارلىق 30 نەچچە خىل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى «نۇرغۇن كىتاب ساقلانغان» بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان.

  يۈ جىمىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى يېقىنقى مەزگىلدە يەنە بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك رەقەملىك ئوقۇش بايلىقىنى كۆپەيتكەن، مەسىلەن: «جۇڭخۇا شېئىرلىرى خەزىنىسى» قاتارلىقلار؛ توردا بىر تۈركۈم ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقلىرى بالىلارنى خۇشال-خۇرام ھالدا ئوقۇشقا يېتەكلىگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدا تۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسى جاۋ لىيۈن مۇنداق دېدى: «بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى مەن شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ APPسىنى چۈشۈرگەنىدىم، مەزمۇنى ئىنتايىن مول ئىكەن، ھازىر ھەر كۈنى مەن بازارلىق ژۇرناللارنى كۆرىمەن. 2-يىللىققا چىققان ئوغلۇم ئۆسمۈرلەرنىڭ سىزما رەسىملىك كىتابلىرىنى كۆرۈشكە بەك ئامراق.»

  يۈ جىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلمىي ژۇرنال، ئىمتىھان ئامبىرى قاتارلىق ئالتە، يەتتە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ زىيارەت مىقدارى ئىزچىل تۈردە ئاشقان. 22 ياشلىق ئاقسۇلۇق قىز لىن يىنيۆ ئەمدىلا غەربىي شىمال داشۆشىگە يەنجيۇسىڭلىققا ئۆتكەنىدى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭ داشۆنىڭ نۆۋەتتە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىسى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسى، يەنجيۇسىڭلىق ئىمتىھانى بېرىشكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى دېگۈدەك شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ APPسىدىكى ئىلمىي ژۇرناللار ۋە ئىمتىھان ئامبىرىنى زىيارەت قىلىمەن. قولايلىق ھەم ئىشلىتىلىشچان.»

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى «بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسى»نى سىناق تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك زور مىقداردىكى بايلىقى ۋە قولايلىق مۇلازىمىتى ئوقۇرمەنلەردە قىزغىن ئىنكاس قوزغىغان. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دەسلەپتىكى ھەر دۈشەنبە كۈنى بىر قېتىم يېڭىلىنىشتىن ھەر كۈنى يېڭىلىنىشقا تەرەققىي قىلىپ، بارغانسېرى كۆپ مەستانىگە ئىگە بولغان. ئاممىۋى نومۇرغا ئەگىشىش سانى بۇ يىل 1-ئايدىكى 2000 نەچچىدىن كۆپىيىپ 60 مىڭدىن ئاشقان. بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئوقۇرمەنلەر توپىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن.

  «رەقەملىك ئوقۇش ھازىر مودىغا ئايلاندى. يۇقۇم مەزگىلىدە بىز ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىنى تاپتۇق. بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانىسى ۋاقىتنىڭ، ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ زور جەمئىيەت ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.» دېدى لى لى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى يېقىنقى مەزگىلدە يەنە توردا «يېڭى دەۋردىكى ياشلار دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى» ئۆتكۈزىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى