تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈشتە، قىسقا ئۇچۇردىكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشلارنى قالايمىقان چەكمەڭ

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقان ھامان بەزىلەر قانۇنسىز يوللاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، پۇل ئۈندۈرۈۋېلىشنى مەقسەت قىلغان ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا. شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپ ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا «تولۇقلىما قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى»، «تولۇقلىما ئىلتىماس قىلىش» قاتارلىق ئۇچۇرلارغا يولۇققاندا، ئالاقىدار ئالدامچىلىقتىن ئېھتىيات قىلىشنى، قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكنى ئەسكەرتتى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق، مۇما ئۇلانمىسى بار نومۇرنى ئالدىن تەكشۈرۈش ساختا تور ئادرېسىنى يوللايدۇ، چېكىپ كىرسىلا، مۇما ۋىرۇسى ئاپتوماتىك ھالدا يان تېلېفونغا كۆچۈرۈلۈپ، يان تېلېفوندىكى مۇناسىۋەتلىك بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىۋالىدۇ. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توسۇش ئارقىلىق پۇل چىقىم قىلىش دەلىللەش نومۇرىغا ئېرىشىپ، توردىن مال سېتىۋېلىش ئىستېمالىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ ياكى ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش سۇپىسىدا ھېساب يۆتكەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە ئاتا-ئانىلار نومۇر تەكشۈرگەندە، مائارىپ تارماقلىرى بېكىتكەن سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ياكى نومۇر تەكشۈرۈش تور ئادرېسىنى توغرا تونۇپ، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرىدىكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشلارنى ئالدىراپ چەكمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن چېكىپ سالغان بولسا، دەرھال يان تېلېفوندىكى چىقىمدان قاتارلىق تېز چىقىم قىلىش قوراللىرىنى يۇيۇۋېتىپ، مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ھەم يان تېلېفوندىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى ساقلىۋالغاندىن كېيىن، يان تېلېفوننى قايتا قوزغىتىش ياكى زاۋۇتتىن چىقىش ھالىتىگە قايتۇرۇش ۋە ياكى تېخنىك خادىملاردىن ۋىرۇسنى تازىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

  مائارىپ ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇش ۋە ساقلىنىش كېرەك. بەزىلەر «مائارىپ ئىدارىسى»، «مالىيە ئىدارىسى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرلىرىنى توغرا مەلۇم قىلىپ، ئاتا-ئانىلار ياكى ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئاندىن «مائارىپ ياردەم تولۇقلىمىسى» ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «ھېسابات نومۇرىنى قوزغىتىش» نامى بىلەن بانكا كارتىسىنى ئېلىپ ATM ئۈسكۈنىسىگە بېرىپ مەشغۇلات قىلغۇزۇپ، بانكا ھېسابات نومۇرىدىكى پۇللارنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

  ساقچى تەرەپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار ھەرقانداق پۇل تارقىتىشنىڭ ATM ئاپپاراتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى، ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ناۋادا شۇنىڭغا ئوخشاش يان تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئاۋۋال مەكتەپ ۋە سىنىپ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەكلىكىنى، شەخسىي ئۇچۇرلىرى، بانكا كارتىسى ۋە مەخپىي نومۇرىنى خالىغانچە ئاشكارىلىماسلىقنى ئەسكەرتكەن.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئاتاقتىكى پۇل خەجلەپ تولۇقلاشقا بولىدىغان سانغا ئېرىشىش، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلىش، تۇرمۇش خىراجىتى، تەربىيەلەش ھەققى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك كېرەك، ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە ئاتا-ئانىلار چوقۇم شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرى ياكى مەكتەپ بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىسپات ئېلىشى كېرەك. (مۇخبىر ياڭ ۋېن)

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى