تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا، ياخشى تۇتۇپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئۈرۈمچى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، داۋالاش كۈچى ۋە مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەپلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىشى كېرەك. باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسنى پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سالماقنى زورايتىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى سەھىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش؛ ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلات بىلەن پارتىيە قۇرۇش ۋە ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش؛ خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى يېڭىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە نەتىجە يارىتىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، داۋاملىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتى، پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە، بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تەشكىللەشتە يېڭىلىق يارىتىشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى، بازاردا يېڭىلىق يارىتىشىنى تېزلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەڭ پىيونېرلارنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش تەكىتلەندى.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.