تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھازىر، يەرشارىۋى يۇقۇم ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خىرىس مىسلىسىز. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئاچقۇچ.

يېقىندا ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، پۈتۈن يەرشارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز، دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشىمىز، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيدىغانلار دانادۇر، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلار غالىبتۇر. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇش ئۇرۇپ گۈللەنمەكتە. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بازار بىلەن بايلىقتىن ئىبارەت «ئىككى باش سىرتتا بولۇش» دۆلىتىمىزنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ھازىر، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كەلمەكتە، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر شامال ۋە قايتما دولقۇنغا ئۇچرىماقتا. تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە خېلى ئۇزاققىچە تاقابىل تۇرىدىغان ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ۋە قاندۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇل نۇقتىسى قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى.

چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئەۋزەللىكى دەل ئىچكى ئىمكانىيەتلىك ئايلىنىشتا. دۆلىتىمىز يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ زور سانائەت سىستېمىسىغا، قۇدرەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا، مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى ۋە 170 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ياكى تۈرلۈك كەسپىي ماھارىتى بار ئىختىساسلىقلارغا ئىگە، يەنە 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇراھال كىرىملىك توپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇستىن شەكىللەنگەن ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك ئىچكى ئېھتىياج بازىرىغا ئىگە، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، سېلىنما ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىق سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈملەر ھەم تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەم ئۈنۈمدارلىق بىلەن ئادىللىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساس نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي تەمىنلەش بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ھاياتلىق ساغلاملىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك ھامان ئارقىدا قالدۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقالمايدۇ، بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ بېكىنمە ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ھەرگىزمۇ زىددىيەتلىك ئەمەس، دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش قانچە راۋان بولسا، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا شۇنچە پايدىلىق، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە شۇنچە پايدىلىق. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىش. گەرچە ھازىر خەلقئارادا قورۇقچىلىق پىكىر ئېقىمى ئەۋج ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن ئەزەلدىن باش ئەگمەي، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇپ، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە جاسارەتلىك بولغان. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بار، قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىمىز ۋە مول ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمىز بار، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بار، بىز چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق باشلىيالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى