تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلىسە بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىدىكەن؛ باشقا تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، بەدەن ئەھۋالى ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارزۇسىنى مۇۋاپىق تولدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئارزۇ خەۋپ - خەتىرىنى جەزمەن تولۇق ئويلىشىپ، شاللىنىپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتىشى كېرەك.

ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن جەزمەن «مۇندەرىجە چۈشەندۈرۈشى»نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. «2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»دە ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈم قېتىمى، پەن تۈرى، نامى، كەسپى ھەم كود نومۇرى ۋە ئالاقىدار تەلەپلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئارزۇ تولدۇرۇشى ھەم جەزملەشتۈرۈشى، مەزمۇنى ھەقىقىي، توغرا، خاتاسىز بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ مەخسۇس تۈرلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى قاتارلىق ئۆلكە پىلانى بويىچە ئايرىلمىغانلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ھەم كەسىپلەر ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى