بۇ 7-ئاينىڭ 24-كۈنى نەنخەي دېڭىزىنىڭ مەلۇم دېڭىز تەۋەلىكىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئىپار كىت (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى نەنخەي دېڭىزىنىڭ مەلۇم دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇدا ئىككى قېتىم ئىپار كىت توپىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانا-بالا كىتلەرنى كۆزەتتى. بۇ ئېلىمىز پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدا بۇ تۈرنى يەنە بىر قېتىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى ھەمدە خاتىرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىيۈن فوتوسى
بۇ 7-ئاينىڭ 24-كۈنى نەنخەي دېڭىزىنىڭ مەلۇم دېڭىز تەۋەلىكىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئىپار كىت (سىن كەسمە رەسىم).
بۇ 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان نەنخەي دېڭىزىنىڭ مەلۇم دېڭىز تەۋەلىكىدە بايقالغان ئىپار كىت (سىن كەسمە رەسىم).