تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانائەت ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىنى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، سانائەت ئىقتىسادىدا سىجىل مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.0 ئاشتى

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، ھەر 13 مىنۇتتا بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، شىركەت ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارىدا ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئىلگىرىلەپ، جەمئىي 3015 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقاردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.6 ئاشتى، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

«گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن زاكاز ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بولدى. 3 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە كەينى - كەينىدىن ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ زاكاز مىقدارى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى. 4 - ئاينىڭ ئۆزىدىلا 1000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىپ، مەھسۇلات مىقدارىدا 2011 - يىلى زاۋۇت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.» شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باش نازارەتچىسى جۇ ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى پۈتۈن يىللىق نىشانىمىز 5500 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، كېيىنكى يېرىم يىلدا تىرىشىپ 3000دىن ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، تۈۋرۈك كارخانىلارنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى. «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان پولات ماتېرىيالىغا بولغان ئېھتىياج تەدرىجىي ئېشىپ، پولات باھاسى سىجىل ئۆستى؛ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زاكازى يېتەرلىك بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقى تەدرىجىي جانلاندى، شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇردى، جولاڭ شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، چاڭچېڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شۇ يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇنجى «تىيانشان» يۈرۈشلۈك كومپيۇتېرىنى تولۇق ياساپ چىقتى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەھۋالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆلەمدىن يۇقىرى 3246 سانائەت كارخانىسىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.0 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 6 - ئايدا، ئېشىش سۈرئىتى %12.2كە يېتىپ، 2014 - يىلى 2 - ئايدىن بۇيانقى يەككە ئايلىق ئەڭ يۇقىرى ئېشىش ھەجمى يارىتىلغان.

«ئۈچ چوڭ تۈر» سىجىل ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كان ئېچىش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئېغىر سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى سىجىل تېزلىتىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى. يېنىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %1.3 ئاشتى.

نېفىت سانائىتىدىن باشقا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۈرئىتى داۋاملىق تېزلىتىلدى

2020 - يىلى، شامال ئېلېكتىر كەسپى تېز قۇراشتۇرۇش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى شامال ئېلېكتىر جابدۇقچىلىق كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يەتتى. قومۇل «جۇڭچې» يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شياۋشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ يىل زاكاز مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى، كارخانىمىز ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە پائال چارە تېپىپ، تەدبىر بەلگىلەپ، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جەمئىي بىۋاسىتە قوزغىلىدىغان تۇراقلىق ماگنىتلىق شامال كۈچى گېنېراتورىدىن 200دىن ئارتۇقنى ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 300 مىليون يۈەن ئەتراپىغا يەتتى.» 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قومۇل شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا 1 مىليارد 630 مىليون يۈەنلىك سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئاشتى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ BDO مەھسۇلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 104 مىڭ توننىغا يېتىپ، پىلاندىكى مەھسۇلات مىقدارىدىن ئاشتى. بۇ يىل، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، سانائەت كىرېمنىي، PVC مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تەرەققىيات رايونىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى %36.4 ئېشىپ، يىللاردىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى توققۇز دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نېفىت سانائىتىدىن باشقا سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %8.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.0 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. سانائەتتىكى 41 كەسىپ چوڭ تۈرى ئىچىدە، 22 كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېشىش كۆلىمى %53.7كە يەتتى.

سانائەت يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

يۈك توشۇيدىغان موكىسىمان ماشىنىلار ئامباردىكى تۆت - بەش قەۋەتلىك مال جازىسىدىن ئاپتوماتىك مال ئېلىپ، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پەقەت بىر ئادەمنىڭ نازارەت قىلىپ تىزگىنلىشىدە 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ... بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ھەر كۈنى جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ شىركەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتقا تايىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليومىندىن كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيغىچە، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش سولياۋسىدىن يۇقىرى ئىقتىدارلىق تالاغىچە، نانومېتىرلىق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشتىن يېڭى تىپتىكى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماتېرىياللارنى ئېچىشقىچە، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا.

بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەرىكەت پىلانى(2020 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە)»نى چىقىرىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ سانائەت يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئاشتى، سانائەت ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ %12.2 ئاشتى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %24.7كە يەتكەن. كېيىنكى قەدەمدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىغا تىرەك بولۇشتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئېشىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرىدىكەن. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ياسىمىچىلىق بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە كارخانا ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى