ياز پەسلىدە، گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرىدىكى رۈنچۈەنخۇ كۆلى باغچىسىنىڭ كۆل سۈيى سۈپسۈزۈك، ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل بولۇپ، كۆل يۈزىدىكى يۇمىلاق ئارال بىلەن زىننەتلىنىپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جاڭيې رۈنچۈەنخۇ كۆلى باغچىسى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر سۇلۇق يەر باغچىسى بولۇپ، كۆل يۈزى ساياھەت رايونى، ئۆسۈملۈك باغچىسى ئورمان رايونى، تاغ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش رايونى، سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونى، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت رايونى ۋە ئادىمىيەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئالتە چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون بار، دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدۇر.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋۇ شۆجېن فوتوسى)